باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>شېئېرلىرىمىز
پارتىيە شەنىگە قوشاقلار
2008- 06- 30 12:45 شىنجاڭ گېزىتى

سۇ باشلاشقا چۆللەرگە،
يېڭى ئۆستەڭ چاپتۇق بىز.
پارتىيىنىڭ دەۋرىدە
بەختىمىزنى تاپتۇق بىز.

كېلىپ تۇرار مېھمانلار،
بىزنىڭ بوستان مەلىگە.
پارتىيىمىز باشلايدۇ،
بىزنى ئۇلۇغ غەلىبىگە.

يېتەلەيمىز مەنزىلگە،
يات كۆرمىسەك ئەمگەكنى
پارتىيىمىز بولغاچقا،
كۆردۇق بەخت – راھەتنى.

يامغۇر ياغدى شارقىراپ،
شۇنچە ئېگىز ئاسماندىن.
پارتىيىنىڭ شەپقىتى،
چوڭقۇر دېڭىز، ئوكياندىن.
يايراپ كېتەر يۈرەكلەر،
گۈزەل باغۇ بوستاندىن.
پارتىيىگە ئەگەشسەك،
ئاداشمايمىز نىشاندىن.

بەردى مېۋە بېغىمىز،
زەپ چىرايلىق چېچەكلەپ.
ماڭدى بىزنى پارتىيە
غەلىبىلەرگە يېتەكلەپ.

يېزىمىز ساپ ھاۋالىق،
ئۆتەر خۇشال ھاياتلىق.
پارتىيىمىز بىزلەرگە
بېغىشلىدى نىجادلىق.

كۆپەيمەكتە شەھەردە
ئېگىز بىنا ––– قەۋەتلىك.
پارتىيىمىز خەلققە
چوڭقۇر مېھىر شەپقەتلىك.

   ئابدۇرېھىم سىدىق تەييارلىغان

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ