|
(ھېكايە)
يې چىڭخېنئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بۆلۈمدىكى تۆتەيلەن يەنە ئۆيگە قايتمىدۇق. يېقىندىن بېرى تۆتىمىز قارتا ئويناشقا مەستانە بولۇپ قالغان ئىدۇق. بۆلۈم باشلىقىمىز قارتا ئويناشنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، شۇڭا ھەر كۈنى بىزنى بىر نەچچە قول ئويناشقا تەكلىپ قىلاتتى. بىز قارتىنى پۇل تىكىشىپ ئوينىغاچقا، خوتۇنلىرىمىز بۇنىڭغا بەك قارشى ئىدى، شۇڭلاشقا ئىدارىدە ئويناشقا مەجبۇر بولاتتۇق.
ئىدارە يېنىدىكى كىچىك ئاشپۇزۇلدىن ئاددىيلا غىزالاندۇق – تە، ئىشخانىغا چىقىپ ئويۇنىمىزنى باشلىۋەتتۇق. تازا قىزىپ ئويناۋاتقىنىمىزدا، لاۋۋاڭنىڭ يانفونى سايراپ كەتتى. ئۇ يانفوننى ئېلىپ نومۇرىغا سىنچىلاپ قارىۋەتكەندىن كېيىن بوش ئاۋازدا:
چاتاق بولدى، خوتۇنۇمدىن كەپتۇ، دېدى. ئاندىن بىزگە ئاۋاز چىقارماڭلار دېگەندەك ئىشارە قىلدى. بىز تىۋىش چىقارمىدۇق، چۈنكى بىز ئۇنىڭ خوتۇنىدىن بەك قورقىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتۇق.
لاۋۋاڭ تېلېفوننى قولىغا ئېلىپ:
مەن ھازىر لاۋيىنىڭ ئۆيىدە، ئۇنىڭ كومپيۇتېرى بۇزۇلۇپ قاپتىكەن، ئوڭشاپ بېرىشىمنى ئۆتۈنگەنتى، دېدى.
دېمىسىمۇ ئارىمىزدا لاۋۋاڭ كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى ئىدى. خوتۇنى ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشەنمىدىمۇ قانداق، لاۋۋاڭ يەنە چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
ئىشەنمىسىڭىز، لاۋيى سىزگە چۈشەندۈرۈپ قويسۇن ئەمىسە.
ئۇ ماڭا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى ۋە تېلېفوننى ماڭا ئۇزاتتى. مەن تېلېفوننى ئېلىپ:
لاۋۋاڭ ھازىر بىزنىڭ ئۆيدە، ۋاقتىڭىز بولسا بىللە كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتەرسىلەر، دېدىم.
كېرەك يوق، ئۇ كومپيۇتېرنى ئوڭشاپ بولۇپلا ئۆيگە قايتسۇن، دېدى ۋە تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
بىز لاۋۋاڭنىڭ خوتۇنىدىن قورقىدىغانلىقىنى مازاق قىلىپ تازا كۈلۈشتۇق، كۈلكە – چاقچاقلىرىمىز تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا لاۋليۇنىڭ يانفونى ھۆركۈرەشكە باشلىدى. لاۋليۇ زورىغا كۈلۈپ قويۇپ:
خوتۇنۇمدىن كەپتۇ، دېدى.
بىز:
شىر ئۆڭكۈردىن چىقىپتۇ – دە، دەپ كۈلۈشتۇق.
لاۋليۇ بارمىقىنى چىقىرىپ بىزنى تىۋىش چىقارماسلىققا ئۈندىدى. بىز كۈلكىمىزنى توختاتتۇق.
ھە، خوتۇنما، مەن سىزگە كەچتە باشقىلار بىلەن بىللە تاماق يەيدىغانلىقىمنى ئېيتقان ئىدىمغۇ؟ دېدى.
بۇ چاغدا لاۋۋاڭ:
بىزگە ئىككى تەخسە سوغۇق سەي كەلتۈرۈڭ، دەپ توۋلاپ قويدى.
لاۋۋاڭنىڭ ئاۋازى كۈچىنى كۆرسەتكەن چېغى، لاۋليۇنىڭ خوتۇنى ئۇنى ئارتۇق سوراققا تارتماي، ئاللىنىمىلەرنى چۈشەندۈردى. لاۋليۇ ئەستايىدىل قۇلاق سالدى، ئاخىرىدا:
خاتىرجەم بولۇڭ، خېنىملارنى ھەرگىز ئىزدىمەيمەن، دەپ قويدى.
لاۋليۇ تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن بىز تولا كۈلۈپ تېلىقىپ قالدۇق، خوتۇنى ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇۋالغان ئىدى.
سىلەر ئەمدى مېنىلا خوتۇنىدىن قورقىدىكەن دېمەڭلار، قاراڭلار، لاۋليۇ مېنىڭدىنمۇ بەك قورقىدىكەن، دېدى لاۋۋاڭ.
مەن ئەمدىلا خوتۇنۇمدىن قورقمايمەن، دەي دەپ تۇراتتىم، يانفونۇم سايراپ كەتتى، ماڭىمۇ خوتۇنۇم تېلېفون قىلغانىدى.
مەن ئەتە ئىدارىدە ئېچىلىدىغان يىغىنغا جىددىي ماتېرىيال تەييارلاۋاتىمەن، قاچان پۈتتۈرۈپ بولىدىغانلىقىمغا بىر نېمە دېيەلمەيمەن. يېزىپ بولسام بۆلۈم باشلىقى ئۈستىدىن كۆرىدۇ. ماقۇل، مەن تېزراق پۈتتۈرەي، يېزىپ بولۇپلا ئۆيگە قايتىمەن، دېدىم چۈشەندۈرۈپ.
مەن تېلېفوننى قويۇپ كۆپچىلىككە قارىدىم، لاۋۋاڭ بىلەن لاۋليۇ ھەدەپ پىخىلداپ كۈلگىلى تۇرۇپتۇ.
قاراڭلار سىلەرنىڭ بىچارىلىكىڭلارنى، قارتا ئويناۋاتىمەن دېسەڭلار بولمىدىمۇ؟ نېمىدىن قورقىسىلەر؟ خوتۇنۇڭلار سىلەرنى يېۋىتەمتى يا؟ دېدى بۆلۈم باشلىقىمىز.
باشلىق، ئەجىبا سىز خوتۇنىڭىزدىن قورقمامسىز؟ دېدۇق ھەممىمىز.
قورققۇدەك نېمىسى بار دەيسىلەر؟ دېدى باشلىقىمىز.
قېنى كۆرۈمىزغۇ، دېدۇق بىز.
دەل شۇ چاغدا باشلىقىمىزنىڭ يانفونى سايرىدى، ئۇ نومۇرنى ھەممىمىزگە كۆرسەتتى، ئۇنىڭغىمۇ خوتۇنى تېلېفون قىلغانىدى. ئۇ تېلېفوننى قۇلىقىغا يېقىپ تۇرۇپ، ناھايىتى سالماق قىياپەتتە:
ھە، ئىدارىدە قارتا ئويناۋاتىمىز! دېدى ۋە ھاجەتخانىغا ماڭدى.
باشلىققا تازا ھەۋىسىمىز كەلدى، لاۋۋاڭ بىلەن لاۋليۇ:
يەنىلا باشلىق يامان ئىكەن، راست گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالىدى، دېيىشتى.
شۇ چاغدا مېنىڭمۇ ھاجىتىم قىستاپ ھاجەتخانىغا ماڭدىم. ھاجەتخانىنىڭ ئىشىكىگە كەلسەم، باشلىق ئىچىدە ھەدەپ تېلېفوندا سۆزلىشىۋېتىپتۇ. مەن ئۇنىڭ خوتۇنىغا ئېيتقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم:
ئامال يوق، بۈگۈن دىڭ ئىدارە باشلىقى، شيې ئىدارە باشلىقى ۋە ما شۇجىغا ھەمراھ بولۇپ قارتا ئويناۋاتىمەن. بىلەمسىز، بۇ ئۇلارنىڭ مېنى چوڭ بىلگىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇمۇ مۇناسىۋەت باغلاشنىڭ تازا ياخشى پۇرسىتى دەڭا، ھە ماقۇل، قايتىپ بارغاندىن كېيىن پۇتىڭىزنى يۇيۇپ قويىمەن...
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى
|