باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>ئەدەبىي ئەسەرلەر
ئەڭ قىيىن ئىش
2008- 06- 30 11:07 شىنجاڭ گېزىتى

گۈلنۇر غېنى

   گۈدەك چاغلىرىمدا ئاپامنىڭ ماڭا ھەر كۈنى قىلىدىغان تەنبىھلىرىدىن بىزار بولاتتىم. مەكتەپتىن كېلىپلا تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرغاندا، ئاپامنىڭ ئىشتىن قايتىپ كەلمەسلىكىنى تىلەيتتىم. چۈنكى ئاپام كەلسىلا تېلېۋىزور كۆرەلمەي، تاپشۇرۇق ئىشلەشكە مەجبۇر بولاتتىم. ئاپام مېنى دەرس تەييارلاۋاتىدۇ، دەپ ھېرىپ – چارچىغىنىغا قارىماي مەن ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى تەييارلايتتى. لېكىن مەن دەرسكە رايىم يوق، ئويناپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزەتتىم. ئاپام تەرلەپ – پىشىپ ئەتكەن تاماقنى ئالدىمغا قويۇپ، مېنىڭ تاپشۇرۇقلىرىمنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا، مەن ئاللىقاچان تەييارلاپ قويغان باھانە – سەۋەبلەر بىلەن ئۇنى ئالدايتتىم، بەزىدە ئاپام مېنىڭ ئۆگەنمەي ئوينىغانلىقىمنى بايقاپ مېنى ئەيىبلىسە، ئۇنىڭغا قېيداپ تاماقمۇ يېگىلى ئۇنىماي، ئۇنى يالۋۇرغۇزاتتىم. نەزىرىمدە ئاپام قاتتىق قول، پىششىق ئايال ئىدى. ئۇ ئادەتتە ماڭا جىق پۇلمۇ بەرمەيتتى، بەزىدە ئاپامنىڭ باشقۇرۇشلىرىدىن زېرىكىپ، ئۆيدىن قېچىپ كېتىشنى ئويلىغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. بالىلىقتىكى شۇ ھېسسىياتىم بويىچە ئاپامنى مېنىڭ كەينىمگە چۈشكەن پايلاقچىدەك ھېس قىلاتتىم، ئۇ تەتىل كۈنلىرىمۇ مېنىڭ كەينىمدە ئەگىشىپ يۈرگەندەكلا قىلاتتى. ئاداشلىرىم بىلەن مەھەللىمىزدىكى چوڭ ئۆستەڭگە سۇغا چۆمۈلەي، دەپ تۇرسام، يېنىمدا پەيدا بولۇپ، مېنى سۇغا چۆمۈلدۈرمەي ئۆيگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن كۈنى ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ، بىر كۈن گەپ قىلمىغانىدىم. يىللىق ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولالماي سىنىپ قالدۇرۇلغاندا، ئاپامنىڭ مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ كەلگىچە ئۈنسىز ياش تۆكۈپ كەلگەنلىكىنى، ئۆيگە كېلىپ بىر كۈن ئاغرىپ يېتىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىمتىھاندىن مەن ئۆتەلمىسەم، ئاپام نېمىشقا يىغلايدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىغانىدىم. شۇ چاغلاردا دادام سىرتتا خىزمەت قىلغاچقا، ئاپام ئۆينىڭ ھەممە ئىشىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ دادامغا بىرەر قېتىممۇ داتلاپ باققىنىنى ئاڭلىماپتىمەن. مەن ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي سىنىپ قالدۇرۇلغان كۈنى ئۇنىڭ تېلېفوندا دادامغا يىغلاپ تۇرۇپ ‹‹قانداق قىلىشىمنى بىلمىدىم، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن ئىش ––– بالا تەربىيىلەش ئىكەن›› دېگىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە. × ئۇ ئىشلارغىمۇ ئۇزاق بولدى. ئۇ چاغلاردا كىچىك بولغاچقىمۇ ياكى بەڭۋاشلىقىمدىنمۇ، ئاپامنىڭ ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن ئىش ––– بالا تەربىيىلەش ئىكەن›› دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى پەقەت چۈشەنمەپتىكەنمەن. ھازىر ئۆزۈم ئانا بولغاندا، كىچىككىنە كەپسىز ئوغلۇمنىڭ قەلبىدە بىخ سۈرۈشكە باشلىغان شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنچىلىكتەك ناچار ئىدىيىلەرنى ئۆزگەرتىش، ئۇنىڭغا ياخشى ئادەم بولۇشنىڭ ئاددىي ساۋاتلىرىنى ئۆگىتىش، كۈندە ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، مەكتەپكە بېرىپ ئۇنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش مېنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خېلى ئوبدانلا ھالسىرىتىپ قويدى. ئۇخلىغاندىمۇ، خىزمەت ۋاقتىدىمۇ، يولدىمۇ، تاماق ئېتىۋاتقاندىمۇ بالامنىڭ دەرستە ناچارلىقى، ئۆگىنىشكە قىزىقمايدىغانلىقى، ئوغرىلىقچە سومكامدىن پۇل ئېلىپ خەجلىگەنلىرى، مەكتەپتىن قېچىپ تورخانىغا كىرگەنلىكى، ماڭا يالغان سۆزلىگەنلىرى خىيالىمدىن چىقمايدىغان بولۇپ قالدى. خىزمەت ئۈنۈمىممۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. ئەڭ مۇھىمى، باشلانغۇچنىڭ 3 – يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ئوغلۇمغا شۇنچە تەربىيە قىلساممۇ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايۋاتقانلىقى مېنى ئوبدانلا چارچاتقانىدى.

   مانا بۈگۈن ئوغلۇمنىڭ يىللىق ئىمتىھان نەتىجىسىنى قولۇمغا ئېلىپ، بىر يىلدىن بېرى ئوغلۇم ئۈچۈن تىرىشقانلىرىمنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. سىنىپ مەسئۇلىنىڭ داتلاشلىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمىدى. بوغۇزۇمغا ئاچچىق يىغا قاپلاشتى، شۇ چاغدا توساتتىن ئاپامنىڭ ‹‹دۇنيادا ئەڭ قىيىن ئىش ––– بالا تەربىيىلەش ئىكەن›› دېگەن سۆزى قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلىغاندەك بولدى. كۆز ياشلىرىم يامغۇردەك قۇيۇلدى. ئاپامنىڭ نېمە ئۈچۈن يىغلىغانلىقىغا مۇشۇ دەقىقىدە جاۋاب تاپتىم.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ