|
ئابلىز ئوسمان يەركەندى
تۆت كوچا ئېغىزىدىكى دوقمۇشتا ئۆزئارا قوشنا ئىككى تاللا بازىرى بار ئىدى. يېقىندا ھەر ئىككىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇپ تاقالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. بۇلار ئاۋات كوچىغا جايلاشقان بولۇپ، خېرىدارى كۆپ ئىدى. كېيىن ئۇقسام، ئەسلىدە بىرقانچە ئاي ئىلگىرى بۇ ئىككى تاللا بازىرىنىڭ خوجايىنى تىجارەت توغرىسىدىكى تالاش – تارتىش سەۋەبىدىن جېدەللىشىپ، زىددىيەتلىشىپ قاپتۇ. ئۇلار بۇ ئىشنى زادى ئەستىن چىقارماي، قارشى تەرەپتىن ئۆچ ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ – دە، ھەر ئىككىسى ماللارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىپ، خېرىدارلارنى تارتىۋېلىش ئارقىلىق قارشى تەرەپنى پۇل تېپىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىش ئۇسۇلىنى تاللاپتۇ. ئۇلارنىڭ سودىسى زىيانغا يۈزلەنگەچكە، ئۇزاق ئۆتمەيلا كۈندىلىك چىقىمىنى قامدىيالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ، ۋەيران بولۇپتۇ.
‹‹ھايۋانات دۇنياسى›› پروگراممىسىدا مۇنداق بىر فىلىمنى كۆرگىنىم ئېسىمدە: شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشايدىغان جۇغى كىچىك بىر خىل مايمۇن دەرەختىدىكى مېۋىلەرنى بىر – بىرىنى يۆلەپ ياكى بىر – بىرىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپ يەيدىكەن. دەرەخ ئۇچىدا قالغان بىرقانچە تال مېۋىنىمۇ بىرى يەنە بىرىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئۈزۈپ يەۋېلىشىغا كۆمەكلىشىدىكەن.
ھايۋاناتشۇناسلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بۇنداق مايمۇننىڭ جۇغى كىچىك، تېنى ئاجىز، ھەرىكىتى ئاستا ھەم باشقا كۈشەندىلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى يوق دېيەرلىك بولسىمۇ، ئەمما نەچچە مىڭ يىل جەريانىدا يوقىلىش خەۋپىگە دۇچار بولماستىن، بەلكى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ ماڭغان. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ھەمدەملىك، ئۆملۈكتە ئۆتكەنلىكىدە، ئەلۋەتتە. ئۇلار ھەتتا دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەندىمۇ ھاياتلىق پۇرسىتىنى تالىشىپ تۇرۇپ ھەمراھلىرىغا ئۆتۈنىدىكەن.
شۇڭا تۇرمۇشتا باشقىلارغا پۇرسەت بېرىشنى ئۇنۇتماڭ. باشقىلارغا پۇرسەت بېرىش ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىز ئۈچۈن يول ئاچقانلىقتۇر.
|