باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>ئەدەبىي ئەسەرلەر
ئىككى چۈمۈلە
2008- 06- 23 11:52 شىنجاڭ گېزىتى

 ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار

    ھويلىدا كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتىم، پۇتۇمنىڭ يېنىدىلا بېشى ئۆزىدىن چوڭ، بىلى قىلدەك ئىنچىكە، بۇرۇتلىرى دىڭگىيىپ تۇرىدىغان كىچىككىنە بىر قارا چۈمۈلە ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭلۇقتىكى نان ئۇۋىقىنى خۇددى كۆتەك سۆرەۋاتقان ئادەمدەك كۈچەپ سۆرەپ كېتىپ باراتتى. نەدىندۇر بىر ئاق چۈمۈلە پەيدا بولدى – دە، نان ئۇۋىقىنىڭ بىر تەرىپىنى چىشلىۋېلىپ، ئۆز نىشانى تەرەپكە تارتىشقا باشلىدى. ئۇلار تارىتىشاتتى، ھېلى قارا چۈمۈلە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە، ھېلى ئاق چۈمۈلە غالىب كېلەتتى. ئۇلار جېنىنىڭ بارىچە سۆرۈشۈپ، بىر – بىرىنى يېڭەلمىدى. ئاخىرى ئۇلار ئۇرۇشقىلى باشلىدى. پاھ، بىر – بىرىگە كونا رەقىبلەردەك ئېتىلىشتى. بەئەينى مال – دۇنيا ئۈچۈن جان – جەھلى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقان ئادەملەردەك پومداقلىشىپ كەتتى. بۇرۇتلىرى لىكىلدىشىپ، ئەگمە پۇتلىرى بىلەن بىر– بىرىگە چىرماق سالاتتى، ئېلىشاتتى. لېكىن نان ئۇۋىقىنى ھېچقايسىسى ئېلىپ ماڭالمىدى. خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئىككىلا چۈمۈلە يارىلاندى. ئاق چۈمۈلە بوينىدىن زەخىملەنگەن بولۇپ، ساراڭدەك ئورنىدا چۆرگىلەيتتى. قارا چۈمۈلە ئارقا پۇتىدىن يارىلانغان بولۇپ، قىزىق توپىدا ئالدى پۇتىغا تايىنىپ تىپىرلايتتى. نان ئۇۋىقى ‹‹ئاچكۆزلۈككە توي›› دېگەندەك گىدىيىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بىچارە ھالىتىگە ئەپسۇسلىنىپ قارىدىم ۋە قوشنىمىزنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئىختىيارسىز ئەسلەپ قالدىم. ئۇلار بىر ئاينىڭ ئالدىدا مىراس تالىشىپ، بىر – بىرىگە چاشقان بىلەن مۈشۈكتەك ئۆچمەنلىشىپ، تالاشتۇرۇلغان ئىتلاردەك چىشلەشكەنىدى. جېدەل بېسىقماي پىچاق تىقىپ، ھاياتىنى نابۇت قىلىشقىلى تاس – تاس قېلىشقانىدى. ئۇلار مال – دۇنيانى مېھىر – مۇھەببەتتىن، قان – قېرىنداشلىقتىن ئۈستۈن قويۇپ، ئاچكۆزلۈكنىڭ پاتقىقىغا بويۇنلىرىغىچە پېتىشقان تەلۋىلەر ئىدى. مەن شۇ چاغدا ياقامنى چىشلەپ، ‹‹توۋا›› دېگەن ۋە بالىلىرىمغا، ئادەملەرگە تەۋپىق، ئىنساپ تىلىگەنىدىم. بۈگۈن ئىككى چۈمۈلىنىڭ ئىشىنى كۆرۈپ، ئىچىم لىققىدە ئاچچىققا تولدى. كۈندىلىك خاتىرەمگە ‹‹نادانلىق ––– قارىغۇنىڭ يار لىۋىدە مېڭىشى، ئاچكۆزلۈك ––– بالايى ئاپەتنىڭ يىلتىزى. قايسى ئىنسان بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى ھەسرەت، پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. دۇنيا تالاشقۇچىلارغا ئەمەس، مېھنەت قىلغۇچىلارغا مەنسۇپ. قاچانكى ئىنسانلار ئارىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەت بۇلىقىنىڭ سۈيى ئېقىشتىن توختىمىسا، گۈل  –  گىياھلار ھەرگىز قۇرۇپ قالمايدۇ. مۇبادا نەپسانىيەت ئوتلىرى ئۆچۈرۈلمەيدىكەن، دۇنيا قىيامەتكە ئايلىنىدۇ. پەقەت ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىناقلىق ۋە مېھىر – مۇھەببەتلا ئىنسانلارنى قېرىنداشقا ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانى جەننەت كەبى ئىللىقلىققا تولدۇرىدۇ››  دەپ يازدىم، ۋە:

 ئىنساپسىز ئادەمنىڭ كۆڭلى قارادۇر،
 نادان ۋە ئاچكۆزلەر ئەلگە بالادۇر.
 ئىناقلىق بولمىغان قەۋم ئۇ ھامان
ئاخىرى قان يىغلاپ دەردتە قالادۇر.

   دېگەن شېئىرنى ئاستا پىچىرلىغىنىمچە كۇتۇپخانامغا كىرىپ كەتتىم.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ