|
(نەسىر)
زورىگۈل ئابلىتىپ
تەقدىر ئاجايىپ رەھىمسىز بولىدىكەن. ئۇ بەزىدە ئادەمگە كۈلۈپ قارىسا، بەزىدە ئادەمنى ئېغىر قىسمەتكە دۇچار قىلىدىكەن.
مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپ قوينىغا كىرىش ئىستىكىدە گۈزەل چۈشلەرنى كۆرۈپ يۈرگەن كۈنلەردە تەقدىر ماڭا تۇرمۇشۇمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ئاجايىپ چاقچاقتىن بىرنى قىلدى... ھەممە ناھايىتى تويۇقسىزلا يۈز بەردى. ئىككى كۈن ئۇدا قىزىپ، ئۈچىنچى كۈنى ھېچنېمىنى كۆرەلمىدىم. ئاتا – ئانام مېنى دوختۇرغا ئاپارغان بولسىمۇ، ھېچ ئامال بولمىدى. كۈن نۇرىنى ئازراق بولسىمۇ سېزەلەيدىغان كۆزۈم ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە ھېچنېمىنى كۆرەلمەس بولۇپ قالدى. مەن ئەما بولۇپ قالغانىدىم. بۇنىڭغا پەقەتلا ئىشەنگىم كەلمەيۋاتاتتى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆمرۈم ئەمدى بۇ گۈزەل، يورۇق دۇنيادىن مەھرۇم بولۇپ، قاراڭغۇ، زۇلمەت ئىچىدە ئۆتەرمۇ؟ نۇرغۇن ئارزۇ – ئارمانلىرىم بار ئىدىغۇ؟ كىتاب كۆرۈش، يېزىقچىلىق قىلىشنى ياخشى كۆرەتتىمغۇ؟ قېنى كەلگۈسىدىكى يازغۇچى بولۇش ئىستىكىم؟...
قەلبىمدىكى ئازابلىرىم مېنى ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ يىغلاشقا مەجبۇر قىلماقتا. بۇ قاراڭغۇ دۇنياغا قانداق يۈزلىنىشنى بىلەلمەي بېشىم قاتماقتا. لېكىن يەنىلا ئامال يوق، مەندىنمۇ ئۆتەر ئازابلىنىپ، تۈگىشىپ كېتىۋاتقان ئاتا – ئانامنى ئويلىسام ئىچىم تېخىمۇ ئاچچىق بولىدۇ. زورمۇ زور كۈلۈمسىرەشكە، ئۇلارغا تەسەللى بېرىشكە تىرىشىمەن.
شۇنداق قىلىپ، كۆز نۇرىدىن مەھرۇم بولغان ھاياتىمنى باشلىدىم. ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ماڭغان دوستلىرىم مېڭىش ئالدىدا مەن بىلەن خوشلاشقىلى كىرگەندە مېنى شۇنچىلىك يىغا قاپلىۋالدىكى، ھازىر شۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىمنى ئەينەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، ئۇلارغا ئۇتۇق تىلىدىم. ئۇلارنىڭ سالامەت بولۇشىنى، بىر جۈپ قارا كۆزلىرىنىڭ مەڭگۈ پارلاپ تۇرۇشىنى تىلىدىم..
ساۋاقداشلىرىم بىر – بىرلەپ ئوقۇشقا كېتىشتى. كۈنلىرىم رادىئو ئاڭلاش، تەييار تاماقنى يىيىش بىلەن ئۆتمەكتە. بەزىدە تەقدىرىمدىن ئېچىنىپ ئۆلۈۋېلىش خىيالىغىمۇ كېلىپ قالاتتىم. توۋا، ئۆلۈۋېلىش دۇنيادىكى ئىرادىسى ئەڭ ئاجىز، ئەڭ چۈشكۈن ئادەملەرنىڭ ئىشىغۇ...
دەل شۇنداق كۈنلەردە ماڭا ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدىغان، ماڭا قايتىدىن دەس تۇرۇش ئىشەنچى ئاتا قىلغان بىر خەۋەرنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇ كۈنى رادىئودا ئەما يازغۇچى خەيلۇن كەيلۇرنىڭ ‹‹كۆزۈم ئۈچ كۈنلا ئېچىلسا ئىدى›› ناملىق رومانىنى ئاڭلىتىۋاتاتتى. روماندا ئاپتور ئۆزىنىڭ ئاجايىپ جاسارەتكە تولغان ھاياتىنى تونۇشتۇرغانىدى. ئۇ تۇغما ئەما، تۇغما گاس ۋە تۇغما گاچا بولۇپ، پەقەتلا قول ئىشارىسى ئارقىلىق يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ياردىمىدىلا تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىلىشىدىكەن. ئۇ ئوقۇتقۇچىسنىڭ ياردىمىدە تۇنجى بولۇپ ئەمالار يېزىقىنى ئىجاد قىلىپ، شۇ يېزىقتىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەر يېزىپتۇ. كېيىن ئاۋاز چىقىرىش مەشىقى قىلىپ، سۆزلەشنىمۇ ئۆگىنىپتۇ. ئۇ قەيسەرلىكى ۋە تەبىئي تالانتى بىلەن كىشىلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇپ، ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ تەستە ئۆگىنىدىغان بىر نەچچە خىل تىلنى پىششىق ئىگىلەپ، نۇتۇق سۆزلەپ كىشىلەرگە جاسارەت، غەيرەت ئاتا قىلىپتۇ. ئۇنىڭ قەيسەرلىكى، نەتىجىلەرگە تولغان ھاياتى ماڭا ئىشەنچ بېغىشلىغانىدى. مەن ئۇنىڭدىن كۆپ بەختلىككەنمەنغۇ؟
مەن 19 يېشىمغىچە يورۇق دۇنيادىن بەھرىمەن بولالىدىم، نۇرغۇن ئىشتىن خەۋەردار بولدۇم، نۇرغۇن كىتاب ئوقۇيالىدىم. مەن تېخى ياش، يەنە قىلاي دېسەم نى – نى ئىشلارنى قىلالايمەنغۇ...مەن يەنە يېزىقچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشۇم كېرەك. بىراق قانداق يازىمەن؟ باشقىلارغۇ ياردەم قىلار، لېكىن كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىپلا ئۆتسەم بولماس. شۇنداق قىلىپ مەن ئەمالار مەكتىپىدە ئوقۇماقچى بولدۇم.
ئاخىرى ئاتا – ئانامنىڭ ياردىمىدە ئەمالار مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇدۇم. بۇ يەردە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن دوست قابىلىيىتىگە يارىشا بىلىم، تېخنىكا ئىگىلىيەلەيدىكەن. مەن مەكتەپكە كېلىپلا، ئەمالار يېزىقى ئۆگىنىشكە كىرىشتىم. بۇ جەرياندا دوستلىرىمنىڭ ياردىمىدە بىر نەچچە پارچە شېئىر، ھېكايە، نەسىر يازدىم.
ئەمالار يېزىقى لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدا دۇنيا بويىچە بىرلىككە كەلگەن يېزىق بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزتىلىدىكى خاس ھەرپلەرنى ئايرىم چېكىتلەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ قوللانغانىكەن. مەن ئۆگىنىش جەريانىدا ئەما دوستلىرىمنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئەمالار يېزىقىدا ئىپادىلەش ئارزۇسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەندە بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئىستىكى قوزغالدى. شۇ ئىستەكنىڭ تۈرتكىسىدە لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان ‹‹ق، ھ، ڭ، غ›› قاتارلىق ھەرپلەرنى ئەمالار يېزىقىدا قۇلايلىق، چۈشىنىشلىك خاس چېكىتلەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىقتىم. ھازىر بىز ئەمالار يېزىقىدا ئۆز تىلىمىزنى بىمالال ئىپادىلىيەلەيدىغان بولدۇق. بۇ ئۇيغۇر ئەما دوستلار ئۈچۈن بىر خۇش خەۋەر بولدى..
ئادەم تىرىشسىلا چوقۇم نەتىجە قازىنالايدۇ. گەرچە مەن يورۇقلۇقتىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم بولغان بولساممۇ، مەنىۋى دۇنيارىم بارغانچە روشەنلىشىۋاتىدۇ. ئىشىنىمەنكى، دۇنيادا ياخشى ئادەملەر يەنىلا كۆپ. مېنى قوللايدىغانلار يەنىلا نۇرغۇن. گەرچە كۆزۈم ئەما بولسىمۇ، يۈرىكىم ئەما ئەمەس!
|