|
مەلۇم سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت كوللېگىيىسىدە 10 مىڭ يۈەن ئۈچۈن تالاش – تارتىش قىلىۋاتقان دەۋالاشقۇچىلار سودىيىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن، تالاش تارتىشنى توختىتىپ، بۇ 10 مىڭ يۈەننى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ئىئانە قىلىش قارارىغا كەلدى.
يېقىنقى مەزگىلدە سوت كوللېگىيىلىرىدە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مۇشۇنداق ئىشلار كۆپ بولدى. بەزى دەۋاگەرلەر دۆلەتكە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرمەيلى، دەپ دەۋاسىنى قايتۇرۇۋالدى؛ بەزىلىرى دەۋانى توختىتىپ، تالاش – تارتىشتىكى پۇللارنى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى خەلققە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىئانە قىلدى؛ بۇ، چوڭ ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن كىشىلەردە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە مىللىي ئۇيۇشۇش كۈچى شەكىللەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېلو بېجىرگۈچى سودىيىلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكلىشىدە ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچى ئەڭ ياخشى پەيتتە ئىپادىلەندى، شۈبھىسىزكى، بۇنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ.
لېكىن مۇشۇنداق دېلولار كۆپ كۆرۈلسە، كىشىنى بەزى ئەندىشىلەرگىمۇ سېلىپ قويىدۇ. ئەخلاق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزەمدۇ – يوق؟ ھەممىمىزگە مەلۇم، سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلغاندا پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىدۇ. ئاساسىي ئېقىمدىكى ئەخلاق قارىشى قانۇن بىلەن بىردەك، لېكىن قانۇن بىلەن ئەخلاق بەرىبىر ئىككى كاتېگورىيىگە تەۋە ئۇقۇم. كېسىم قىلىش جەريانىدا ئەخلاقنى بەك كۆپ تەكىتلەش مۇۋاپىق بولمايدۇ.
يۇقىرىقى دېلو مىساللىرىغا ئاساسەن بىز شۇنى بايقىيالايمىزكى، سودىيىلەر سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا دەۋاگەرلەرگە يېتەكچىلىك قىلسا بولىدۇ، لېكىن دەۋاگەرلەر بەزى ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كېچىشنى خالامدۇ – يوق، بۇنىڭدىن گۇمانلانماي بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن ئاددىي، جامائەت ئالدىدا ئەخلاق بېسىمى تالاش – تارتىش بولغان مەنپەئەتتىن ئېشىپ كېتىدۇ. يۇقىرىقى دېلولارغا قارىغاندا، گەرچە دېلو مۇرەسسە قىلىنىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ھەقىقىي زىددىيەت ھەل بولمايدۇ، دېلونى ئاياغلاشتۇرۇش تەلىپىگە تېخىمۇ يەتمەيدۇ.
‹‹گېزىت – ژۇرناللاردىن تەرمىلەر››دىن
|