|
يېقىندا جۇڭگو ئېكولوگىيە ئەخلاقى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چىڭ شۇفېڭ: دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى بايلىق، يەر ئومۇمىي مىقدارى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ئالدى بىلەن بۇلغاش، ئاندىن ئوڭشاش، ئۆزىنى پاكىز تۇتۇپ، باشقىلارنى بۇلغاشتىن ئىبارەت كونا يولغا قايتا ماڭماسلىقىمىزنى بەلگىلىدى، دېدى.
چىڭ شۇفېڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: يېقىندا دۆلىتىمىزدىكى مەلۇم بىر شەھەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تۈنسىز شەھەر بەرپا قىلىش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مېنىڭچە، بۇ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش نىشانىغا تازا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بىرىنچىدىن، تۈنسىز شەھەر بەرپا قىلغاندا نۇرغۇن ئېنېرگىيىنى سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ، خەلقئارا ئېقىمغىلا ئەمەس، دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئىككىنچىدىن، تۈنسىز شەھەر بەرپا قىلغاندا كىشىلەر قاراڭغۇنى كۆرمەيدۇ - دە، ئۇلاردا راكقا گىرىپتار بولۇش كۆپىيىدۇ. ئىسرائىلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئۇزاققىچە چىراغ نۇرىدا يۈرگەن ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆپ بولىدىكەن.
‹‹گېزىت - ژۇرناللاردىن تەرمىلەر››دىن
|