باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>تەرمىلەر
ھايات قەدرى
2008- 06- 18 16:59 تەڭرىتاغ تورى

    ياشاشقا بولغان تەييارلىقىڭىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھامان بىر كۈنى ھەممە ئىشلار ئاخىرلىشىدۇ.قۇياش نۇرى بىر مىنۇت،بىر سىكىنوتمۇ قايتىلانمايدۇ.جاپا چېكىپ ساقلىغان تەئەللۇقاتىڭىز ھەر قانچە قىممەتلىك بولسىمۇ،ھامان باشقىلارغا قالىدۇ.

   مال–دۇنيايىڭىز،نام–شۆھرىتىڭىز ھامان ئەرزىمەس ئىشلارغا ئايلىنىدۇ،ئېرىشكىنىڭىز ياكى يوقاتقىنىڭىزنىڭ ھەممىسى سىز ئۈچۈن مۇھىم بولالمايدۇ.ئۆچمەنلىكىڭىز،ئاداۋىتىڭىز،ئوڭۇشسىزلىق ۋە ھەسرەتلىرىڭىز كۆڭۈل قاتلىرىدىن ئاخىر يوقىلىدۇ.ئوخشاشلا ئۈمىد–ئارزۇلىرىڭىز،مەردانىلىكىڭىز ۋە چېكى يوق ئىشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ھامان بىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

   ئۇنداقتا،بۇ دۇنيادا نېمە ئەڭ قىممەتلىك ؟ ھاياتقا كۆز ئاچقانلىقىڭىزنىڭ قىممىتىنى نېمە بىلەن ئۆلچىيەلەيسىز؟

   بۇ ھاياتلىقتا سېتىۋالغىنىڭىز ئەمەس،بەلكى ئىجاد قىلغىنىڭىز؛ئېرىشكىنىڭىز ئەمەس،بەلكى بېغىشلىغىنىڭىز؛مۇۋەپپەقىيىتىڭىز ئەمەس،بەلكى قەدىر–قىممىتىڭىز ئەڭ مۇھىم.قانچىلىك ئۆگەنگەنلىكىڭىز ئەمەس بەلكى قانچىلىك ئۆگەتكەنلىكىڭىز تېخىمۇ مۇھىم.

   ھەققانىيەت،ھېسداشلىق،باتۇرلۇق ۋە قۇربان بېرىشلىرىڭىز ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۈمىد–ئارزۇغا،ئىشەنچكە تولدۇرۇپ،ئۇلارنى جاسارەت بىلەن ياشاشقا ئۈندىشىڭىز تېخىمۇ مۇھىم!

   سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز ئەمەس،خارەكتىرىڭىز مۇھىم،سىزنىڭ قانچىلىك ئادەملەرنى تونۇشىڭىز ئەمەس،سىز بىلەن ۋىدالاشقان چاغدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەسرەت چېكىشى ئەھمىيەتلىك؛سىزنىڭ ئەسلىمىلىرىڭىز ئەمەس،بەلكى سىزنى سۆيگەنلەرنىڭ ئەسلىمىسى مۇھىم.

   ھاياتىمىز مۇھىتنىڭ بىزنى قەدىرلىك قىلىپ قويغانلىقى بىلەن ئەمەس،بەلكى ئۆزىمىزنىڭ تاللىشى ئارقىلىق قىممەتلىك!

   شۇڭا ھاياتىڭىزنىڭ قەدر–قىممىتىنى توغرا تاللاڭ!

قاھار تۇردى تەرجىمىسى

شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ