|
مەريەمگۈل ئىمىن
يېقىندا بىر شىركەتكە ئىش بېجىرگىلى بېرىپ، دادىسى يۆلىۋالغان 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر مېيىپ يىگىتنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭ ناكار بولغان بىر پۇتىدىن باشقا ئەزالىرى ساق ئىدى. ئۇنىڭ كېلىش مەقسىتى شىركەتتىن تۇرمۇش، داۋالىنىش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى، ئەمما ئۇ بۇ شىركەتنىڭ خادىمى ئەمەس ئىكەن... بىردىنلا ئىچىم ئاچچىق بولدى. كۆز ئالدىمغا ئۈرۈمچىدىكى بۇلاقبېشى، دۆڭكۆۋرۈكنىڭ ئەتراپىدا گېزىت سېتىۋاتقان مېيىپ قىز بىلەن مېيىپ ئەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ھالىتى كەلدى. ئارقىدىنلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە تۇنجى بولۇپ خۇسۇسىي مەكتەپ ئاچقان مائارىپچى، مەرھۇم غۇپۇر نۇر يادىمدىن كەچتى. ئۇ ھېلىقى ئاپەتلىك يىللاردا ئىككى قولىدىن ئايرىلغان ‹‹مېيىپ›› ئىدى. ئوخشاش تۈزۈم، ئوخشاش دەۋر، ئوخشاش بىر شەھەردە مېيىپلىقنى پەش قىلىپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقانلار، ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپلا قالماي، جەمئىيەت ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ بېرىۋاتقان مېيىپلەر كۆز ئالدىمغا كەلدى. توغرا، مېيىپلەر نورمال ئادەملەر ۋە جەمئىيەتنىڭ ياردىمىگە موھتاج. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە نومۇس كۈچى كۈچلۈك، ئىنسانىي غۇرۇرى ئۆلمىگەن، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغانلىرى نۇرغۇن. ئۇلار سىزنىڭ ‹‹بېقىش››ىڭىز ۋە ‹‹سەدىقىڭىز››گە ھەرگىز موھتاج ئەمەس.
بۇلاردىن بىر ھەقىقەت ئايانكى: تۇرمۇش سەھنىسى قانداقتۇر ھۇزۇر – ھالاۋەت سۈرىدىغان مەيدان ئەمەس، بەلكى چېلىشىش، كۈرەش مەيدانى. بۇ سەھنىدە كىم ئىرادىلىك، ئەقىللىق، پاراسەتلىك بولسا، شۇ غەلىبە قىلىدۇ، ئادەمدەك ياشايدۇ. كىم ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىق قىلسا، مەغلۇپ بولىدۇ، خەقنىڭ قولىغا قاراپ قالىدۇ.
مېنىڭچە، قەبرىدىكى جەسەت بىلەن روھىي دۇنياسى ئۆلگەن ئادەمدىن ئۈمىد كۈتۈشكە بولمايدۇ. مېيىپلىق ئەيىب ئەمەس، ئۆز – ئۆزىنى خارلاپ، باشقىلارغا يۆلىنىپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ قېلىش ئەڭ چوڭ ئەيىبتۇر. بۇ دۇنيادا پىكىر ۋە ئەمگەك قىلىشقا ھېرىسمەن ئادەم خار بولمايدۇ. جىسمى مېيىپ بولسىمۇ، روھى ساغلام كىشىلەر مەڭگۈ خار بولمايدۇ. تەندۇرۇس بولسىمۇ روھى مېيىپ كىشىلەر ئۆزىگە، شۇنداقلا باشقىلارغا ھامان ئېغىر يۈك بولۇپ قالىدۇ.
|