|
▲ھاياتلىق سەپىرىدە ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە قەتئىي ئىرادىنى ھەر ۋاقىت ھەمراھ قىلغان كىشى كۆزلىگەن مەنزىلىگە چوقۇم يېتەلەيدۇ.
▲ھاياتلىق سەپىرىنىڭ ھەر بىر قەدىمىنى بېسىشتىن ئىلگىرى، شۇ قەدەمنى باسسا ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، قايسى يولغا مېڭىش، قايسى يولغا ماڭماسلىقنى ئەقىل تارازىسىدا ئوبدان دەڭسەش كېرەك.
▲باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغانلىق باشقىلارنىڭ مال – دۇنياسىنى كۆزلەپ، جېنىغا زامىن بولغانلىق بىلەن باراۋەر بولسا، ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغانلىق ئۆزىنى ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلتۈرۈۋالغانلىق بىلەن باراۋەر.
▲كىشىلىك ھايات خۇددى ئەگرى – توقاي، داۋانلىق مۈشكۈل سەپەرگە ئوخشايدۇ. ھايات سەپىرىدە ئىرادىلىكلەر ‹‹قورام تاش››قا يولۇقسا، ئۇنى ئالغا بېسىشنىڭ پەلەمپىيى قىلىدۇ، ئىرادىسىزلەر ئۇنى توسالغۇ، دەپ بىلىدۇ.
▲بىكارچىلىق ئىنسان ئۈچۈن بىر دۈشمەن، ئۇ ئادەمنى ھېچ نەرسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ھۇرۇنلارغا ئايلاندۇرىدۇ.
▲ئىشەنچنى يوقاتقان ھايات پاجىئەلىك ھاياتتۇر، تېڭىرقاش ئىچىدە ئۆتكەن ھايات بىچارىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
▲ئۆزىگە ئىشىنىش ھاياتلىق سەپىرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك مەغلۇبىيەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر.
|