|
تۇرسۇن قۇربان
يېڭىش غەلىبىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، سىزنى تەبەسسۇم، ئالقىش ۋە گۈل بىلەن تارتۇقلايدۇ. شۇڭا ھەممىمىز ھەر قانداق ئىشتا غەلىبە قىلساق دەيمىز. ئەمما غەلىبە بار يەردە مەغلۇبىيەتمۇ بولىدۇ. غەلىبە بىلەن مەغلۇبىيەت كىشىلىك تۇرمۇشتىكى تاسادىپىيلىق ۋە مۇقەررەرلىكتۇر.
ياپونىيىدە بىر ياش مەلۇم شىركەتكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمەي ئۆلۈۋالماقچى بوپتۇ. ئەمما ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمەي، ئۆلۈۋېلىش مەقسىتىگە يېتەلمەپتۇ، لېكىن بوينىدا ‹‹بەلگە›› قاپتۇ. ئۇ ھوشىنى بىلەلمەي تۇرغاندا شىركەتكە قوبۇل قىلىنغانلىق خەۋىرى كەپتۇ. ئەسلىدە بۇ ياشنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ، ستاتىستىكا خاتالىقى كۆرۈلگەنىكەن. بۇ ياش خۇش خەۋەرنى دوست – يارەنلىرىگە ئېيتىشقا تەمشىلىۋاتقاندا، شىركەتنىڭ ئۇنى تەكلىپ قىلىشتىن يالتايغانلىق خەۋىرى كەپتۇ. شىركەت خوجايىنى يالتىيىش خېتىگە ‹‹بۇ ئادەم كىچىككىنە زەربىگىمۇ بەرداشلىق بېرەلمىگەن يەردە، ئىگىلىك تىكلەپ روناق تاپالىشى ناتايىن›› دەپ يازغان ئىكەن...
ئەمەلىيەتتە، ھاياتتا بىرەر قېتىم ئۇتتۇرۇپ قويۇش قورقۇنچلۇق ئەمەس، بىرەر قېتىم مەغلۇپ بولۇشمۇ ھەسرەتلىك ئىش ئەمەس. سىز رېئاللىققا دادىل يۈزلىنەلىسىڭىز، مەغلۇپ بولغاندا، يېڭى، ئۈمىدلىك ئىشلارغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلىيالىسىڭىز، ئەجىر مېۋىسىگە ئېرىشەلەيسىز، گەپ ئىشنى يۈرەكلىك قىلالىشىڭىزدا.
|