|
●مۇشۇ دەقىقىدە ئۈگدەپ ئولتۇرسىڭىز چۈشكە مۇپتىلا بولىسىز، ئۆگىنىش قىلسىڭىز چۈشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايسىز.
●بىر ئىشقا كېچىككەنلىكىڭىزنى ھېس قىلغان چېغىڭىز، بەلكىم سىز ئۈچۈن بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىتتۇر.
●بۈگۈن پۈتكۈزىدىغان ئىشنى ھەرگىز ئەتىگە سۆرىمەڭ.
●ئۆگىنىش قىلىۋاتقان چاغدىكى ئازاب ۋاقىتلىق، ئۆگەنمىگەنلىكتىن كەلگەن ئازاب ئۆمۈرلۈكتۇر.
●‹‹ئۆگىنىش›› دېگەن بۇ ئىش ئۈچۈن ۋاقىت يېتەرلىك، كەم بولىدىغىنى ئىجتىھاتتۇر.
●ئۆگىنىش ھەرگىز كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ بارلىقى ئەمەس، ۋەھالەنكى، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۆگىنىشنىمۇ بويسۇندۇرالمىسىڭىز يەنە نېمە ئىش قىلالايسىز؟
●ئۆزىڭىزنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان ئازابتىن ھۇزۇر ئېلىشنى بىلىۋېلىڭ.
●باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ بالدۇر، تېخىمۇ ئىجتىھات بىلەن تىرىشقىنىڭىزدىلا، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ شېرىن مېۋىسىنى تېتىيالايسىز.
●مۇۋەپپەقىيەتكە ھېچكىم بىمالاللا ئېرىشكەن ئەمەس، ئۇ ئۆز – ئۆزىنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە كۈچلۈك ئىرادىدىن ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.
●بۈگۈن مېڭىشتىن ئېرىنسىڭىز، ئەتە يۈگۈرۈشكە مەجبۇر بولىسىز.
●كەلگۈسى ئۈچۈن مەبلەغ سالغان كىشى رېئاللىققا ئەڭ سادىق كىشىدۇر.
●ۋاقىت ئاققان سۇدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ.
●تەربىيىنىڭ دەرىجىسى كىرىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
●ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ رەقىبىڭىز كىتاب بەتلىرىنى ۋاراقلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
●جاپا – مۇشەققەتسىز ھالاۋەت يوقتۇر.
|