باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>ئەدەبىي ئەسەرلەر
كۈنلۈك
2008- 06- 11 11:58 شىنجاڭ گېزىتى

(ھېكايە)

     ياڭ پېڭشياۋمېي بىلەن داۋېي ئۆي تۇتقاندىن بېرى تولا جېدەللىشىپ، ئاخىرى ئاجراشماقچى بولدى. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۇلار ئاجرىشىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرمەكچى بولۇشتى. شياۋمېي چۈشتە ئۆيگە قايتماي، يېڭى تونۇشقان لايىقى بىلەن ئاشپۇزۇلدا تاماق يېدى. ئۇنىڭ لايىقى خېلى  ئېدىتلىق يىگىت بولسا كېرەك، شياۋمېيغا بىر دەستە ئەتىرگۈل سوۋغا قىلدى.

     تاماقتىن كېيىن شياۋمېي ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولدى، ئارىلىق يىراق بولمىغاچقا، ئۇلار پىيادە ماڭدى. تەقدىر چاقچاق قىلدىمۇ قانداق، دەل شۇ پەيتتە يامغۇر قۇيۇۋەتتى. شياۋمېي كۈنلۈك ئېلىۋالغاچقا، ئىككىسى بىر كۈنلۈكنى تۇتۇپ ماڭدى.

     بىر دەمدىن كېيىن ئۇلار مەنزىلگە يەتتى. لايىقى ئۆيگە كىرىپ، بولغۇسى قېينانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ قويۇشنى ئېيتىۋېدى، شياۋمېي:

   — كېيىنچە كىرەرسىز، مەن تېخى ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىدىم،  –دېدى.

    لايىقى  كەيپى سەل ئۇچقان  ھالدا قايتىپ كەتتى.

    شىياۋمېي ئۆيگە كىرىپ كۈنلۈكنى يىغىشتۇردى، ئانىسى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

     — سەن كۈنلۈكنى قانداق تۇتتۇڭ؟ ئۈستى  – بېشىڭ ھۆل بولۇپ كېتىپتىغۇ؟ – دېدى.

     شياۋمېي شۇندىلا ئۈستى – بېشىغا قارىدى، دېمىسىمۇ ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ يېرىمى ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ كىيىمىنى قېقىپ تۇرۇپ:

     —بىز بىر كۈنلۈكنى تەڭ ئىشلەتكەن ئىدۇق، –  دېدى.

    ئانىسى ئۇنىڭدىن كىم بىلەن بىر كۈنلۈكنى ئىشلەتكەنلىكىنى سورىدى، شىياۋمېي بۇ ئىشنى ھامان بىر كۈنى ئانىسىغا ئېيتىدىغانلىقىنى ئويلاپ:

    —مەن كۈنلۈكنى بايا لايىقىم بىلەن تەڭ ئىشلەتكەن، – دېدى. 

    — لايىقىم بىلەن؟ ئانىسى چۆچۈپ كەتتى، — ئۇنداقتا داۋېينى قانداق قىلىسەن؟

     شياۋمېي بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە:

     —چۈشتىن كېيىن مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەكچى، – دېدى.

     ئانىسى ساپاغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئېغىر خۇرسىندى. شياۋمېي دەرھال ئانىسىغا تەسەللى بەردى:

     — ئانا، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلمىغىن، يېقىندىن بېرى داۋېي بىلەن ئارىمىزدا جېدەل قۇرىمايدىغان بولۇپ قالدى، شۇڭا ئاجرىشىپ كېتىشمۇ جىدەل، كۆڭۈلسىزلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ ياخشى چارىسى.

     — ئاجراشماقچى بولغىنىڭغا كۆڭلۈم يېرىم بولمىدى، ئەكسىچە كېيىنكى تۇرمۇشىڭدىن غەم يەۋاتىمەن، سېنى يەنە ئېزىپ سالامدىكىن، دەپ ئەندىشە قىلىۋاتىمەن، – دېدى ئانىسى.

    — ئانا سەن خاتىرجەم بولغىن، مەنمۇ 30 ياشقا كىرىپ قالدىم، ئېزىپمۇ يۈرمەسمەن، – دېدى شياۋمېي. 

    — بىراق سېنىڭ ھازىرقى لايىقىڭ داۋېيغا يەتمەيدىكەن.

    ‹‹ئانام لايىقىمنى كۆرۈپ باقمىغان تۇرسا، نېمىشقا بۇنداق دەيدىغاندۇ؟›› دەپ ئويلىدى شياۋمېي ۋە ئارقىدىنلا:

     — سەن ھازىرقى لايىقىمنى كۆرۈپ باقمىغان تۇرساڭ، نېمىشكە داۋېيغا يەتمەيدۇ، دەيسەن؟ دېدى. 

    — ئىلگىرى داۋېي بىلەن بىر كۈنلۈكنى ئىشلەتسەڭ، ھەمىشە داۋېينىڭ كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كېتەتتى، سەن ئازراقمۇ ھۆل بولمايتتىڭ، بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈنلۈكنى ئىشلىتىپسەن، لېكىن سېنىڭ كىيىمىڭ ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ. پەرىزىمچە، ئۇنىڭ كىيىمى چوقۇم ھۆل بولمىدى، – دېدى ئانىسى.

     شياۋمېي بىردىنلا سەگەكلەشتى، ئۇ تۇيۇقسىز داۋېينىڭ بىر مۇنچە ئارتۇقچىلىقىنى ئەسلەپ قالدى، بۇ ئارتۇقچىلىقلار تۇرمۇشنىڭ ئەگرى – توقايلىقلىرىدا كۆمۈلۈپ كەتكەنىدى. 

    —مەن داۋېينى ئىزدەپ باراي، –  دېدى شياۋمېي ئانىسىنىڭ قولىنى قويۇپ بېرىپ.

    ئۇ كۈنلۈكنى كۆتۈرۈپ، يەنە يامغۇر قوينىغا كىرىپ كەتتى...

ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى         

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ