|
(ھېكايە)
گولىگىر فىرانكىلىن
باھار كۈنلىرى، چۈشتىن كېيىنكى بىئولوگىيە دەرسىدە پاقىنى پارچىلاش تەجرىبىسى قىلاتتۇق ۋە ئىشلىگەن تەجرىبىمىز ئاساسىدا بۇ دەرسنى ئىگىلەش نەتىجىمىز بېكىتىلەتتى. بۈگۈن نۆۋەت ماڭا كەلگەنىدى، شۇڭا مەن ئورنۇمدىن ئەتىگەن تۇرۇپ، ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چاقماق كۆڭلىكىمنى كىيدىم، بۇ كۆڭلەك ماڭا بەك يارىشاتتى. بۈگۈنكى تەجرىبىگە ئوبدان تەييارلىق قىلغانىدىم، شۇڭا ئىشەنچ بىلەن مۇنبەرگە چىقتىم – دە، ساۋاقداشلىرىمغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ قويۇپ، تەجرىبىگە كىرىشىۋېدىم، ئارقا پارتا تەرەپتىن بىرەيلەننىڭ ‹‹نىمە دېگەن ئىسىل كۆڭلەك بۇ›› دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم – يۇ، ئۇنىڭغا ئانچە ئېرەن قىلمىۋېدىم، يەنە بىرەيلەننىڭ ‹‹ئۇ كۆڭلەك دادامنىڭ، ئۇنىڭ ئاپىسى بىزنىڭكىدە ياللىنىپ ئىشلەيدۇ، ئۇ كۆڭلەكنى بىز ئۇنىڭ ئاپىسىغا بەرگەن ›› دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. يۈرىكىم قىسىلغاندەك بولۇپ گەپ قىلالمىدىم. مەن ئەسلىي سۆزمەنلىكىم بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تاللانغانىدىم، ئەمما شۇ تاپتا گەپ تاپالماي قالدىم، ساۋاقداشلىرىم پىسىڭلاپ كۈلۈشتى.
مۇئەللىم مېنى تەجرىبىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندىگەن بولسىمۇ، ئىشلىيەلمىدىم. بۇ قېتىمقى نەتىجەمD بولدى. ئۆيگە كېلىپلا كۆڭلىكىمنى كىيىم ئىشكابىنىڭ ئەڭ ئاستىغا تىقىۋەتتىم، ئاپام بايقاپ قېلىپ، ئۇنى يەنە جايىغا ئېسىپ قويدى، مەن ئۇنى يەنە تىقىۋەتتىم.
ئارىدىن بىر ھەپتىدەك ئۆتتى، ئاپام مەندىن ئۇ كۆڭلەكنى نېمىشقا كىيمىگەنلىكىمنى سورىغانىدى، ‹‹مەن ئۇنى ياقتۇرمايمەن›› دېدىم. ئەمما ئاپام كوچىلاپ سوراۋەردى، ئۇنى ئازابلاشنى خالىمىساممۇ، ئۇ سوراۋەرگەچكە، سىنىپتا بولۇنغان گەپلەرنى دەپ بەردىم، ئاپام كۆز چاناقلىرى ياشقا تولغان ھالدا ئەھۋالنى دادامغا سۆزلەپ بەرگەچ، ئەمدى ئائىلە خىزمەتچىسى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
—ئۇنداقتا نىمە قىلاي دەيسىز؟ دەپ سورىدى دادام.
— مېنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار، – دېدى ئاپام كەسكىن تەلەپپۇزدا.
—سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان تۇرسىڭىز، – دېدى دادام.
—توغرا، مەن دەل بۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلماقچى، – دېدى ئاپام ئىشەنچ بىلەن.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەركۈنى توققۇز سائەتتىن كۆپرەك ئۆگىنىش قىلدى، بىز بىلەن بىللە دەرس تەكرارلىدى.
ئىككىنچى ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئاپام ئوقۇتقۇچىلىقنى تەلەپ قىلىۋېدى، ئالاقىدار خادىملار ‹‹سىز بەكمۇ ئەستايىدىل ئىكەنسىز، بىز سىزگە تاپشۇرىدىغان بالىلار بەكمۇ كەپسىز، ئۆگىنىش روھى بەكمۇ ئاجىز، ئۇلارنى يېتىشتۈرەلەرسىزمۇ؟›› دەپتۇ .
ئاپام ھەر كۈنى ئەتىگەن بىزنى مەكتەپكە يولغا سېلىۋېتىپ ، ئۆز ئىشىغا ماڭىدۇ، ئىشتىن چۈشۈپلا قورسىقىمىزنىڭ غېمىدە بولىدۇ، ئەمما ئۇ بۇنىڭدىن ۋايسىمايدۇ.
ئاپامنىڭ بەدەللىرى ماڭا ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باتۇرلارچە جەڭ ئېلان قىلىش، كۆڭۈلگە پۈككەن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن چوقۇم قەيسەرلىك بىلەن تىرىشىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى.
بىر كۈنى ئوقۇتقۇچۇم مەندىن:
— پەقەت سەنلا باشقىلار كىيىپ قويغان كىيىمنى كىيگەندەك ھېس قىلامسەن؟ پەقەت سەنلا نامراتلىقتا چوڭ بولدۇم، دەپ ئويلامسەن؟ شۇنداقمۇ؟ دەپ سورىدى.
مەن كەسكىن ھالدا‹‹شۇنداق›› دەپ جاۋاب بەردىم.
ئوقۇتقۇچۇم مۈرەمدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىدە چوڭ بولغان كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇ قالپاق ۋە يارىشىملىق مۇراسىم كىيىمى ئالالمىغانلىق سەۋەبىدىن، مەكتەپ پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن زاڭلىق قىلىنغانلىقىنىمۇ سۆزلەپ بەردى. ئۇ ماڭا، ئەينى ۋاقىتتا كۈندە ئوخشاش بىر خىل كىيىم كىيىپ مەكتەپكە بارىدىغانلىقىدىن تارتىپ سۆزلەپ بەردى. ئوقۇتقۇچۇم: مەن سېنىڭ ھېسسىياتىڭنى چۈشىنىمەن، ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭمۇ كەيپىياتىم سېنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى. ئەمما، بالام، بىلەمسەن، مەن ساڭا ئىشىنىمەن، مېنىڭچە سەن باشقىلارغا ئوخشىمايسەن، دېدى.
مەن يەنە بىر قېتىم گەپ تاپالماي قالدىم، ئىككىمىز كۆز ياشلىرىمىزنى تەستە تۇتۇپ تۇردۇق، ئەمما مەن ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى، يەنى بىر ئاق تەنلىك مۇئەللىمنىڭ بىر قارا تەنلىك ئوقۇغۇچىغا بولغان مۇھەببىتىنى ھېس قىلغانىدىم.
مەن رىقابەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تاللاندىم، بىئولوگىيە مۇئەللىمىم مېنىڭ مەسلىھەتچىم بولدى. يىغىن ئېچىلغاندا مەن ئۇنى ئىزدەپلا يۈردۈم، ئەمما ئۇ ماڭا باشمالتىقىنى چىقىرىپ مەدەت بېرەتتى. بۇ پەقەت ئىككىمىزلا بىلىدىغان مەخپىيەتلىك ئىدى.
ئۇ كۈنى مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىز ھەممىمىز ئوخشاش، ئوخشىمايدىغىنى بىزنىڭ تېرىمىز، كېلىپ چىقىشىمىز، ئەمما بىزنىڭ نۇرغۇن تەجرىبىمىز ئوخشاش، بىز ھەممىمىز خوشاللىقنى، ھەممىمىز تۇرمۇشتىكى ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى قوغلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەزىزىگۈل ئەخمەت تەرجىمىسى
|