|
غەنى ئەرشىدىن
ھايات سەپىرىمىزدە ھەر خىل ئوڭۇشسىزلىق، قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايمىز. ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇش ھايات مەنتىقىمىزگە باغلىق.
مۇنداق بىر مەسەل بار: ئىككى پاقا ئوزۇق ئىزدەپ يۈرۈپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يول بويىدىكى بىر سۈت چېلىكىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. پاقىلارنىڭ بىرى ‹‹تۈگەشتىم، پۈتۈنلەي تۈگەشتىم، بۇ چېلەكتىن مەڭگۈ چىقىپ كېتەلمەيمەن››، دەپ ئويلاپ، بىردىنلا بوشىشىپ سۈتكە چۆكۈپ كېتىپتۇ. يەنە بىر پاقا بۇ قىسمەتتىن ئۈمىدسىزلەنمەي چېلەكتىن چىقىپ كېتىش ئۈمىدىدە تىركىشىپ، چېلەك ئىچىدە توختىماي سەكرەپتۇ. ياشاشقا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىش ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق تىرىشىشىدا تولۇق نامايان بوپتۇ. بىر چاغدا بۇ پاقا ئايىغى ئاستىدىكى سۈتنىڭ قويۇقلىشىپ قالغانلىقىنى سېزىپتۇ. ئەسلىدە ئۇنىڭ توختىماي سەكرىشى نەتىجىسىدە سۈت پىشلاققا ئايلانغانىكەن. توختىماي كۈرەش قىلىش ۋە ئېلىشىش ئاخىر ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قاپتۇ. پاقا چېلەكتىن سەكرەپ چىقىپ، كۆڭۈللۈك ماكانى زۇمرەت كۆلگە قايتىپتۇ.
دېمەك، قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا مۇستەھكەم ياشاش ئېتىقادى بىلەن توختىماي كۈرەش قىلساقلا ھەم ئۆزىمىزگە ‹‹مەن چوقۇم بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك›› دەپ مەدەت بېرەلىسەكلا، قىيىن ئۆتكەلدىن چوقۇم ئۆتۈپ كېتەلەيمىز. ئەگەر قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا تېڭىرقىساق، ئۆزىمىزنى تۈگەشتىم، دەپ قارىساق، چۈشكۈنلۈك ئىچىدە تۈگىشىپ كېتىمىز. شۇڭا ھەر قانداق ئىش، ھەر قانداق شارائىتتا ئۈمىدۋار بولۇپ، ھاياتىمىزنى قىزغىن سۆيۈشىمىز كېرەك.
|