باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>تەرمىلەر
ئىسپات
2008- 05- 26 11:18 شىنجاڭ گېزىتى

(ھېكايە)

يۈچىڭ

     چىرايلىق بىر  خادىم پويىزدا ئوتتۇرا ياشلىق،  ئىشلەمچى چىراي بىر يولۇچىغا ۋارقىراشقا باشلىدى:

     —بېلىتىڭنى چىقار!

     —يولۇچى يېنىنى بىر ھازا ئاقتۇرۇپ بېلەتنى ئالدى –  يۇ، پويىز خادىمىغا بەرگىلى ئۇنىمىدى. پويىز خادىمى مەسخىرىلىك كۈلۈپ:

     —بۇ بالىلار بېلىتى ئىكەنغۇ؟ – دېدى.

    ھېلىقى يولۇچى يۈزى قىزارغان، ئوڭايسىزلانغان ھالدا:

     —بالىلار بېلىتى بىلەن مېيىپلەر بېلىتىنىڭ باھاسى ئوخشاشقۇ؟ – دېدى.

    —پويىز خادىمى ئۇنىڭغا باشتن – ئاياغ سەپ سالغاندىن كېيىن سورىدى:

     — سەن مېيىپمۇ؟

     — شۇنداق، مەن مېيىپ.

     — ئۇنداق بولسا مېيىپلىك كىنىشكاڭنى چىقار، كۆرۈپ باقاي.

    —مېيىپلىك كىنىشكام يوق، ئۇ كىنىشكام بولمىغاچقا، ئامالسىزلىقتىن بالىلار بېلىتى سېتىۋالغانىدىم،  –دېدى يولۇچى.

     پويىز خادىمى سوغۇق كۈلۈپ :

      مېيىپلىك كىنىشكاڭ بولمىسا، مېيىپلىكىڭنى قانداق ئىسپاتلايسەن؟ – دېدى.

     يولۇچى ئۈندىمىدى، ئۇ پەقەت ئايىغىنى سېلىپ شىمىنىڭ پۇشقىقىنى كۆتۈرۈپ پۇتىنى كۆرسەتتى، ئۇنىڭ تاپىنىنىڭ يېرىمى يوق ئىدى.

    پويىز خادىمى ئۇنىڭغا قىيا قاراپ قويۇپ: 

    — مېنىڭ كۆرىدىغىنىم كىنىشكا، پۇت ئەمەس، مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ پولات تامغىسى ئۇرۇلغان كىنىشكا!  – دېدى ئەسكەرتىپ.

    — مەن كۆچمەن ئىشلەمچى بولغاچقا، مەن تۇرغان جايدا ۋاقىتلىق نوپۇستىكىلەرگە مېيىپلىك كىنىشكىسى بېجىرىپ بەرمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بىر شەخسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىشلەيتتىم، چاتاق چىقىۋېدى، قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى قېچىپ كەتتى. يېنىمدا پۇل بولمىغاچقا  دوختۇرخانىدىن ئىسپات ئالالمىدىم...

     بۇ چاغدا پويىز باشلىقى كېلىپ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈردى.

    يولۇچى پويىز باشلىقىغا ئۆزىنىڭ مېيىپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مېيىپلەر بېلىتىنىڭ باھاسى بىلەن ئوخشاش بولغان بالىلار بېلىتى سېتىۋالغانلىقىنى چۈشەندۈردى. 

    — ئۇنداقتا مېيىپلىك كىنىشكاڭ قېنى؟  دەپ سورىدى پويىز باشلىقى ئۇنىڭدىن.

     يولۇچى مېيىپلىك كىنىشكىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقاچ، يېرىمى يوق تاپىنىنى پويىز باشلىقىغا كۆرسەتتى. 

     — بىز ئادەمنى ئەمەس، كىنىشكىنى تونۇيمىز،  مېيىپلىك كىنىشكىسى بارلارلا بۇ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. دەرھال بېلەت تولۇقلىۋال! – دېدى پويىز باشلىقى يولۇچىنىڭ تاپىنىغا قاراپمۇ قويماي.
يولۇچى بىردىنلا بوشىشىپ كەتتى. ئۇ ھەممە يانچۇقىنى ئاقتۇرۇۋېدى، بىر نەچچە يۈەنلا پۇل چىقتى، بۇ پۇل كەملىك قىلاتتى. ئۇ يىغلامسىرىغان ھالدا پويىز باشلىقىغا:

       —تاپىنىمنى ماشىنا قىسىۋەتكەچكە، ئىشلىيەلمىدىم، پۇلۇم بولمىغاچقا ئۆيگىمۇ قايتالمىغانىدىم، بۇ بىلەتنىمۇ يۇرتداشلىرىم يىغىش قىلىپ ئېلىپ بەرگەن، – دېدى. 

     — بولمايدۇ، – دېدى پويىز باشلىقى قەتئىي تەلەپپۇزدا.

     ئارىغا پويىز خادىمى سۆز قىستۇردى:

     — باشلىق، ئۇ بۇنىڭ بەدىلىگە پاراۋوزغا كۆمۈر قالىسۇنمۇ – يا؟ – دېدى.

     —ماقۇل، – دېدى پويىز باشلىقى سەل ئويلىنىۋېلىپ.

    يولۇچىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان ياشانغان بىرەيلەن بۇ سۆزلەردىن بىزار بولغان چېغى،  پويىز باشلىقىنىڭ كۆزىگە دەرغەزەپ تىكىلگىنىچە:

     — ئېيتە، سەن ئەرمۇ؟  –دېدى.

     —بۇنىڭ بۇ ئىش بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بولسۇن؟ – دېدى پويىز باشلىقى ئۇنىڭ سۆزىنى چۈشىنەلمەي.

     —ئېيتە، سەن زادى ئەرمۇ ئەمەسمۇ؟

     — ئەلۋەتتە ئەرمەن.

    — سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەرلىكىڭنى قانداق ئىسپاتلايسەن؟ ئەرلىكىڭنى ئىسپاتلايدىغان كىنىشكاڭنى كۆپچىلىككە كۆرسىتىپ باققىن!

     ئەتراپتىكىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ پاراققىدە كۈلۈشتى.

     پويىز باشلىقى داڭ قېتىپلا قالدى ۋە:

    — كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ قاراڭ، زەبەردەس ئەرلىكىمگە ئىشەنمەيۋاتامسىز؟  –دېدى.

    —مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا كىنىشكىنى تونۇيمەن، ئادەمنى تونۇمايمەن. كىنىشكاڭ بولسا ئەر، بولمىسا سەن ئەر ئەمەس، – دېدى ياشانغان يولۇچى بېشىنى چايقاپ.

     پويىز باشلىقى دەماللىققا دۇدۇقلاپ گەپ تېپىپ بېرەلمىدى.

     ھېلىقى ئايال خادىم پويىز باشلىقىنى ئوسال ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ياشانغان يولۇچىغا:

    — مەن ئەر كىشى ئەمەس، قېنى گېپىڭىز بولسا ماڭا دەڭ، – دېدى. 

    — سەن ئادەم ئەمەس، – دېدى ياشانغان يولۇچى قولىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا نوقۇپ تۇرۇپ.

      ھېلىقى خادىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ گويا قوقاسقا دەسسىۋالغاندەك سەكرەپ كەتتى ۋە:

    —ئاغزىڭنى بۇزما! مەن ئادەم بولماي نېمە ئىكەنمەن؟! دەپ ۋارقىرىدى.

    —سەن ئادەممۇ؟ ئۇنداقتا ئادەملىك ئىسپاتىڭنى كۆرسەت، – دېدى ياشانغان يولۇچى كۈلۈپ تۇرۇپ.

     بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەتراپتىكىلەر يەنە بىر قېتىم كۈلۈشتى. پەقەت بىرەيلەنلا كۈلمىدى، ئۇ ھېلىقى يولۇچى ئىدى. كۆز ئالدىدا بولۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن داڭ قاتقان بۇ بىچارىنىڭ كۆز چانىقى ياشقا تولغانىدى.

پولات ئامانيار تەرجىمىسى 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ