|
مۇنەۋۋەر ئوبۇلھەسەن‹‹مۇۋەپپەقىيەت›› سۆزى تىلغا ئېلىنسىلا، كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدا داھى، ئالىملار، كەشپىياتچىلار نامايان بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلار ھاياتىدا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ھەممە ھەۋەس بىلەن كۆز تىكىدىغان، مەڭگۈ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئۈلگىلىرىمىزدۇر. بىراق، سانمۇ بىردىن باشلانغاندەك، ھاياتتىكى ھەر بىر قەدەم كىچىك ئىشلاردىن باشلىنىدىغان بولغاچقا، رېئال تۇرمۇشتا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ دائىرىسىنى ھەددىدىن زىيادە چوڭايتىۋېتىپ، ‹‹مەن بەرىبىر ئۇلۇغ كىشىلەردىن بولمىغاچقا، ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمەيمەن، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئىشىكى ماڭا تاقاق›› دەپ ئويلىساق خاتا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە مۇۋەپپەقىيەت كىچىك ئىشلاردىمۇ قىممىتىنى تاپالايدۇ. مەسىلەن: بىزنىڭ ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا ساغلام تۆرىلىپ، بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولالىغىنىمىزنىڭ ئۆزى بىر مۇۋەپپەقىيەت ھەم بەخت. بەش ئەزايىمىز ساق، ماڭالايمىز، يۈگۈرەلەيمىز، پىكىر قىلالايمىز، ئىشلەپ پۇل تېپىپ تىرىكچىلىك قىلالايمىز. مانا بۇمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياشاش. ئاددىيسى بىر ئايال ئۈچۈن ئوخشىتىپ بىر قازان تاماق ئېتىشمۇ مۇۋەپپەقىيەت. ئانا ئۈچۈن بوۋىقىنىڭ تاتلىق كۈلكىسى، گۇڭراشلىرى تەسۋىرلىگۈسىز بەخت ۋە مۇۋەپپەقىيەت. ئوقۇغۇچى بولسىڭىز، مۇئەللىمنىڭ سوئالىغا توغرا جاۋاب بەرگىنىڭىز، ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجە ئالغىنىڭىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت، ناۋاي ئۈچۈن چىرايلىق ياققان نانلىرى، تىككۈچى ئۈچۈن يارىشىملىق تىككەن كىيىملىرى بىر مۇۋەپپەقىيەت.
قىسقىسى، بۇنداق ئاددىي، بىراق ئەمەلىي مۇۋەپپەقىيەتلەر رېئال تۇرمۇشىمىزدا كۈرمىڭ. بىراق كۆپىنچىمىز بۇلارنى ھېس قىلالمايمىز. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ‹‹مۇۋەپپەقىيەت›› دېگەن ئۇقۇمنىڭ دائىرىسىنى بەك چوڭايتىۋەتكەنلىكىمىزدە. بىز ھوشيارلىق بىلەن تۇرمۇشىمىزدىكى ئاشۇ گۈزەل، كىچىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بايقىيالىساقلا، ئۆزىمىزنىڭ نەقەدەر بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىمىزدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز، شۇنداقلا ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز ئاشىدۇ، دادىل ئىلگىرىلىيەلەيمىز. شۇڭا، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ دائىرىسىنى بەك چوڭايتىۋەتمەيلى.
|