|
(ھېكايە)
ۋاڭزۇيۈەن
ئۈچ يىل ئىلگىرى مەن ئوقۇتقۇچىلىقىمنى تاشلاپ، سودا قاينىمىغا كىردىم، ئەمما بۇ قاينامدىن دەسمايەمدىنمۇ ئايرىلىپ قۇرۇق قول قايتىپ چىقتىم. ئايالىم ئوقۇتقۇچىلىقىمنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە كۆپ نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، جاھىللىق قىلىپ قۇلاق سالمىدىم. سودىدىغۇ پۇل تاپالمىدىم، ئىش ھەققى يۇقىرىراق خىزمەتتىن بىرەرى تېپىلىپقۇ قالار، دەپ ئويلاپ، كۈندە دېگۈدەك كوچا ئايلىنىپ يۈردۈم.
بىر كۈنى، بىر كاتتا ئاشپۇزۇلنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ تامغا چاپلانغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىنى كۆردۈم، ئەمما ئايال خىزمەتچىلەر قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ لاسسىدە بوشاپ كەتتىم. دەل شۇ چاغدا بىرسىنىڭ ‹‹ۋاڭ مۇئەللىم›› دەپ چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام، پۇزۇر كېيىنگەن ئوتتۇرا ياشلىق بىرى ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئىسمى فۇگېن بولۇپ، مۇشۇ كاتتا ئاشپۇزۇلنىڭ خوجايىنى ئىكەن.
—ۋاڭ مۇئەللىم، بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىدىڭىزمۇ قانداق؟ دېدى ئۇ قىزغىنلىق بىلەن، باشقىچە پىكىرىڭىز بولمىسا بۇ يەردە ئىشلەڭ، ئېيىغا 3000 يۈەن مائاش بېرىمەن.
3000 يۈەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلسام ئۈچ ئايدا ئاران تاپىدىغان پۇل ئىدى، خۇشاللىقىمدىن دەرھال ماقۇل بولدۇم.
دەل شۇ چاغدا ئاشپۇزۇلدىن بىر يىگىت چىقىپ كەلدى.
دىرېكتور، بىز ئايال خىزمەتچى قوبۇل قىلماقچى ئىدۇققۇ؟ نېمىشقا بۇ ئەرنى تېپىپ كەلدىڭىز؟ دېدى ئۇ خوجايىنغا قاراپ.
بىر قاراپلا بۇ يىگىتنى تونۇدۇم، ئۇ مېنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئوقۇغۇچۇم لۇلىن ئىدى. ئۇ ھازىر بۇ يەرنىڭ ئاممىۋى ئىشلار دىرېكتورى ئىكەن.
لۇلىن مېنى كۆرۈپ مەڭدەپ قالدى، ئاندىن ئاغرىنغاندەك قىلىپ:
—مۇئەللىم، سىز نېمىشقا بىر ئوبدان ئوقۇتقۇچىلىقىڭىزنى قىلماي، بۇ يەرگە كەلدىڭىز؟ دېدى.
نېمە دېيىشىمنى بىلمەي تۇراتتىم، فۇ گېن مېنى بۇ قىيىنچىلىقتىن خالاس قىلدى:
— شياۋلۇ، ۋاڭ مۇئەللىم دېگەن سېنىڭ ئۇستازىڭ، ئۇنىڭغا بۇنداق گەپ قىلساڭ قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا ئوبدان مۇئامىلە قىلغىن!
شۇنىڭدىن كېيىن، مەن لۇ لىننىڭ ‹‹ئالاھىدە غەمخورلۇقى›› غا ئېرىشتىم، كۈتىدىغان مېھمانلار كۆپ بولغاچقا، ئەتىگەندىن – كەچكىچە ئىشلەپ، چارچاپ ئۆلەيلا دەپ قالاتتىم. ئەتىگەنلىك بازار ئاخىرلىشىپ، ئەمدى ئارام ئالاي، دەپ تۇرۇشۇمغا لۇ لىن مېنى قاچا – قۇچىلارنى يۇيۇشقا بۇيرۇيتتى، قاچا – قۇچىلارنى يۇيۇپ بولسام، يەنە ئۈستەللەرنى سۈرتۈشكە بۇيرۇيتتى. بۇ ئىشلارنى ئەمدىلا تۈگىتىپ تۇرۇشۇمغا چۈشلۈك بازار باشلىناتتى. شۇنداق قىلىپ، ئەتىگەندىن – كەچكىچە خۇددى ماشىنا ئادەمدەك خىزمەت قىلاتتىم، ئۆيگە قايتقاندا چارچىغىنىمدىن جۇلىقىم چىقاتتى.
بىر ئىش كاللامدىن زادىلا ئۆتمەيتتى. لۇ لىن مېنىڭ بىر قوللۇق تەربىيىلىگەن ئوقۇغۇچۇم تۇرۇقلۇق نېمىشقا ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ ئەكسىچە، ھېچقانداق تونۇشلۇقۇم بولمىغان فۇ گېن نېمىشقا ھۆرمىتىمنى قىلىدۇ، مېنى ئاسرايدۇ؟
بىر قېتىم يەنە شۇ لۇلىن مېنى يىراق تاغلىق رايوندىن بېلىق ئەكىلىشكە ئەۋەتتى، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە كېچىچە بېلىق تازىلاشقا بۇيرۇدى، بېلىق تازىلاۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن بارمىقىمنى كېسىۋالدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىزمەتتىن ئىستېپا بەرمەكچى بولۇپ فۇ گېننىڭ ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدىم.
ئىشىك تۈۋىگە كەلگەندە فۇگېننىڭ كايىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم:
— شياۋلۇ، سەندە ئاز – تولا ئادىمىگەرچىلىك بارمۇ؟ مۇشۇنداق سوغۇقتا ۋاڭ مۇئەللىمنى يىراق جايغا بېلىق ئەكىلىشكە ئەۋەتىپسەن، تېخى بۇ يەتمىگەندەك، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنى ئارام ئالدۇرماي بېلىقلارنى تازىلاتقۇزۇپسەن...
—بۇنى مەندىن كۆرسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا بىزگە كېرىكى ئايال خىزمەتچى ئىدى، لېكىن سىز ئۇنى تېپىپ كەلدىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئايال خىزمەتچىگە كۆپ بولغاندىمۇ ئېيىغا 1000 يۈەن بېرەتتۇق، لېكىن سىز ئۇنىڭغا 3000 يۈەن بېرىۋەتتىڭىز! دېدى لۇلىن ئىنتايىن رەھىمسىزلىك بىلەن.
—سەن مېنىڭ ۋاڭ مۇئەللىمنى نېمە سەۋەبتىن ئېلىپ قالغانلىقىمنى بىلەمسەن؟ –دېدى فۇگېن ئېغىر تىنىپ، مەن ساڭا دېسەم، 30 يىل ئىلگىرى ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە مېنىڭ سىنىپ مەسئۇلىم ئىدى. شۇ يىلى پۇتۇمغا يارا چىقىپ قېلىپ، مەكتەپكە بېرىپ – كېلىشتە بەك قىينالدىم، بۇنى بىلگەن ۋاڭ مۇئەللىم مېنى يۈدۈپ ھەر كۈنى مەكتەپكە ئاپىرىپ – ئەكەلدى. مەن شۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇتقۇچىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئوقۇتقۇچىمىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، بىزدەك ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاز – تولا ياردەم بېرىشى بىر ئەقەللىي ۋىجدانىي ئىشقۇ؟!
شۇ چاغدا كۆز ئالدىمدىن 30 يىل ئاۋۋالقى بىر ئىش كەچتى، ئۇ مېنىڭ ئەمدىلا دارىلمۇئەللىمىننى پۈتكۈزۈپ، بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ئورۇنلاشقان چاغلىرىم ئىدى، شۇ چاغدا پۇتىغا يارا چىقىپ قالغان بىر ئوغۇل بالىنى يۈدۈپ كۈندە دېگۈدەك مەكتەپكە ئەكىلىپ، ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياتتىم. ئەجىبا بۇ بالا مۇشۇ فۇگېنمىدۇ؟ ھاياجانلىنىپ كۆزۈمگە ياش ئالدىم.
لۇلىن يەنە ئېغىز ئاچتى:
— سىز بۇنىڭغا ئوبدان قاراپ بېقىڭ، بۇ خەتلەرنى ئۇنىڭ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى يېزىپ ماڭا ئەۋەتىپتۇ، ئۇلار خېتىدە مېنىڭ ۋاڭ مۇئەللىمگە خىزمەت ئىشلەپ ئۇنى مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىغا ئۈندىشىمنى ئېيتىپتۇ. ئەمما مەن بۇ گەپلەرنى ۋاڭ مۇئەللىمگە يۈزتۇرا دېيىشكە پېتىنالمىدىم، چۈنكى سىز ئۇنىڭغا قالقان ئىدىڭىز، ئۇنى قوغدايتىڭىز، شۇڭا مەن ئۇنى ئىش – ئەمگەكتە قاتتىق قىيناپ، بالدۇرراق بۇ يەردىن كەتكۈزۈپ، مەكتەپكە قايتۇرۇشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەگەر ۋاڭ مۇئەللىمگە ھەقىقەتەن ياردەم بەرگىڭىز بولسا، ئۆزىڭىزدەك پۇلدارلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ‹‹مائارىپ فوندى جەمئىيىتى›› دەك بىرەر ئىش قىلىڭ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ يەردە قاچا – قۇچا يۇيغىنىدىن كۆپ ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟...
مانا بۇ ئىككى ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئىككى خىل دەرسى ئىدى، بىرىنچى خىل دەرس ‹‹ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەش›› بولسا، ئىككىنىچى خىل دەرس ‹‹قايتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش››ئىدى. بۇ ئىككى خىل دەرس ئوخشاشلا روھىمنى ئويغاتتى: ئوقۇتقۇچى بولغىنىم ئۈچۈنلا باشقىلارنىڭ ھۆرمەت قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم، لېكىن پۇلنى دەپ بۇ مۇقەددەس خىزمەتتىن ۋاز كەچسەم، روھىمنىڭ جازالىشىغا ئۇچرامدىم قانداق؟
مەن تىۋىش چىقارماي كەينىمگە ياندىم، ئەتىسىلا مەكتەپكە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇردۇم.
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى
|