باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>تەرمىلەر
نىشان ۋە مۇۋەپپەقىيەت
2008- 05- 16 12:53 شىنجاڭ گېزىتى

ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا

     ئادەتتە ھەممە كىشىدە ئۆز ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىستىكى بولىدۇ، بىراق بەزىلەردىكى بۇ ئىستەك رېئاللىققا ئايلىنالمايدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا مۇئەللىم ھەر بىرىمىزدىن ‹‹چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەم بولىسىلەر؟›› دەپ سورىسا، ھەممىمىز دېگۈدەك ‹‹ئالىم بولىمەن، ساقچى بولىمەن، دوختۇر بولىمەن، باشلىق بولىمەن، يازغۇچى، شائىر بولىمەن...›› دېگەندەك جاۋابلارنى بېرەتتۇق. بۇنداق جاۋابلارنى ئاڭلىغان مۇئەللىملىرىمىزمۇ خۇشال بولۇپ كېتەتتى.

     بىر كۈنى بىل گايتىسنىڭ ئالدىغا ئىككى ئادەم پۇل سوراپ كەپتۇ. بىل گايتىس بىرىنچى كىشىدىن پۇلنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقى، قانداق ۋە قاچان قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئۇ كىشى:

     — بىل ئەپەندى، سىزنىڭ قولى ئوچۇق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، ماڭا 100 مىڭ دوللار بېرىپ تۇرغان بولسىڭىز، بىر ئايغىچە ھەسسىلەپ قايتۇراتتىم، – دەپتۇ. بىل گايتىس بۇ كىشىگە پۇل بېرىپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ يولغا ساپتۇ. نۆۋەت ئىككىنچى كىشىگە كەپتۇ. بىل گايتىس بۇ كىشىدىنمۇ پۇلنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقى ۋە قاچان، قانداق قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئىككىنچى كىشى ھازىر ئۆزىنىڭ بىر تاللا بازىرى ئاچقانلىقىنى، كۈندىلىك ئومۇمىي تىجارەت سوممىسىنىڭ 600 دوللار ئەتراپىدا بولۇۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تاللا بازىرى ئاچىدىغانغا 50 مىڭ دوللار كەملەپ قالغانلىقىنى، ئەگەر بۇ پۇلنى بېرىپ تۇرسا، ئىككى تاللا بازىرىنىڭ تىجارەت سوممىسىنىڭ %10ىنى قەرز قايتۇرۇشقا سەرپ قىلسا، ئەڭ كېچىككەندىمۇ ئىككى يىلغىچە قايتۇرۇپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بىل گايتىس بۇ كىشىگە:

      —سىزنىڭ نىشانىڭىز بەك ئېنىق ھەم كونكرېت ئىكەن، مەن سىزگە تولۇق ئىشىنىمەن، – دەپتۇ ھەم 50 مىڭ دوللارنى ئۆسۈمسىز قەرز پۇل ھېسابىدا بېرىپ تۇرۇپتۇ.

     بىز قانداق ئۇلۇغۋار ئىش قىلماقچى بولايلى، نىشانىمىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، كونكرېت، ئېنىق بولسىلا، بۇ ئۇلۇغۋار ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدا تېز ئىلگىرىلىيەلەيمىز.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ