|
(ھېكايە)
ئېنىل. لان (ئامېرىكا)
ئۇ مېنىڭ ئافرىقىدىكى سۋازىلاندتا ئىشلەۋاتقان مەزگىلىم ئىدى. بىز تۇرۇشلۇق دوختۇرخانا گۈزەل ھەم خەتەرلىك لېبومبوبېرگې تاغ تىزمىسىغا جايلاشقانىدى. يەرلىكلەر كۆپىنچە كېسىلىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ياكى تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىقىدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنەلمەيتتى. شۇڭا ئۇلارنى سەييارە داۋالاشقا توغرا كېلەتتى. سەييارە داۋالاش ئەترىتىدە ئادەتتە بىر نەچچە تېببىي خادىم بولاتتى، مەنمۇ شۇلارنىڭ بىر ئەزاسى ئىدىم. بىز ھەر كۈنى ئۈستى ئوچۇق ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ كېسىلىنى كۆرۈشكە چىقاتتۇق.
ئافرىقىدىكى بەزى دۆلەتلەردە ئاغرىقلارنى داۋالاشتا دورا بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشمۇ مۇھىم ئىدى. شۇڭا، ھەر قېتىم داۋالاشقا چىقىشتىن بۇرۇن تۇغدىكۆك، سەۋزە ۋە ئالما دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىۋالاتتىم. بەزىدە يەنە تاتلىق — تۈرۈم ئېلىۋېلىپ، بالىلارغا تارقىتىپ بېرەتتىم .
بىر كۈنى، بىز سەييارە داۋالاشتا بىر ئېغىزلىق كېسەك ئۆيدە قوڭۇر كۆزلۈك چىرايلىق قىزچاق بىلەن ئۇچراشتۇق. ئۇنىڭ ئىسمى تەنچىلەي بولۇپ، مەن ئۇنىڭغا بىر تال كەمپۈت بەردىم. ئۇ شىسۋات تىلىدا (ئافرىقىدىكى بىر خىل يەرلىك تىل )ماڭا بىر نېمىلەرنى دېدى. يېنىمدىكى سېسترا ماڭا:
— دوختۇر، ئۇ سىڭلىسىغا يەنە بىر تال كەمپۈت ئالماقچىكەن، — دېدى.
مەن ئۇنىڭغا يەنە بىر تال كەمپۈت بەردىم.
بىز سېل كېسىلىنى داۋالاپ قايتىشىمىزدا، تەنچىلەينىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەچ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقىلى كىردۇق. ئۇنىڭ قولىدا مەن بايا بەرگەن كەمپۈتنىڭ بىرى تۇراتتى.
مەن سېستراغا ئۇنىڭ كەمپۈتنى نېمىشقا يېمىگەنلىكىنى ئېيتتىم. سېسترا ئۇنىڭدىن بىر نېمىلەرنى سورىغاندىن كېيىن ماڭا:
— تەنچىلەي بۇ يىل يەتتە ياشقا كىرىپتۇ. ئۇ بەش ياشقا كىرگەن يىلى، ئەيدىز ئۇنىڭ ئاتا — ئانىسىنىڭ جېنىغا زامىن بوپتۇ. ئاتا — ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈچ ياشقا كىرگەن سىڭلىسىمۇ ئىز — دېرەكسىز غايىپ بولۇپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مەيلى كىم ئۇنىڭغا نەرسە بەرسە ئىككى كىشىلىك تەلەپ قىلىدىكەن. كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن نەرسىلىرىدىن ئالايلۇق، ئىككى تال سەۋزە، ئىككى تال ئويۇنچۇق، ئىككى تال كەمپۈت دېگەنلەردىن بىر ئۈلۈشىنى سىڭلىسىغا قالدۇرىدىكەن. ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈك — تىرىكلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن، — دېدى. تەنچىلەينىڭ ئۆيىدە بىز ئۇنىڭ بىر كۈنلەردە سىڭلىسىغا بېرىش ئۈچۈن ساقلاۋاتقان كونىرىغان بىر دۆۋە نەرسىلىرىنى كۆردۇق.
سېسترا تەنچىلەيگە نەسىھەت قىلىپ:
— ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن، باشقىلار بەرگەن يېمەكلىكنى بىر كىشىلىك بولسىمۇ ئاز كۆرمەي ئېلىپ يەڭ، — دېدى. ئەمما ئۇ قەتئىي بېشىنى چايقىدى. كۆز ياشلىرىم تاراملاپ تۆكۈلدى، ئۇنىڭ سىڭلىسىغا بولغان مۇھەببىتى ئۇنىڭ بارلىقى ئىدى. دۇنيادا بۇ مۇھەببەتتىنمۇ مۇھىمراق نەرسە بولمىسا كېرەك. ئىختىيارسىز بۈركۈت مۇزىكا ئەترىتىنىڭ بىر ناخشا تېكىستى ئېسىمگە كېلىپ قالدى: ئاچلىق ئەجەلگە ئۇزىتار بىزنى، پەقەتلا سۆيگۈلا قۇتقۇزار سىزنى.
مەن تەنچىلەي، جۈملىدىن ئۇنىڭغا تەقدىرداش بالىلارغا ئاسانلىق تىلىدىم، مۇھەببەتنىڭ ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشىغا سەۋەب بولۇشىنى ئىلتىجا قىلدىم.
قاھار ئەھەد قۇتلۇق تەرجىمىسى
|