|
سەرۋەر سەيدالىم
ئىلگىرى ئەقىل–پاراسەتتە كامالەتكە يەتكەن بىر دانىشمەن بوۋاي ئۆتكەن ئىكەن . بوۋاي بىردىنبىر ئوغلىغا دائىم ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەلىم بېرىدىكەن . بىركۈنى بوۋاي ئوغلىنىڭ ئۆزى بەرگەن تەلىملەرنى قانچىلىك ھەزىم قىلغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ ، ئۇنى ئېلىپ سەپەرگە چىقىپتۇ.
بوۋاي يېزىنىڭ زېرىكىشلىك يولىنى قىسقارتىش مەقسىتىدە ئوغلىغا كۆرگەن–بىلگەن ، بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتىلىرىنى ھېكايە قىلىپ مېڭىپتۇ . ئۇلار قىزغىن پاراڭ بىلەن كېتىۋاتقاندا ، قارشى تەرەپتىن ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي كەپتۇ.
—ئەسسالامۇئەلەيكۇم،– دەپتۇئاتا –بالا ئىككىسى تەڭلا ئىززەت–ئېكرام بىلەن ، ئاقساقالمۇ دەرھال سالام بېرىپتۇ. بوۋاي بىلەن ئوغلى يەنە بىر ھازا يول يۈرگەندىن كېيىن ، سالاپەتلىك ۋە خۇشچىراي بىر يىگىتكە ئۇچراپتۇ، بوۋاي ئۇ يىگىتكە قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ سالام بېرىپتۇ.
ئاتىسىنىڭ ئۆزىدىن كىچىك بىر بالىغا سالام بەرگىنىدىن ھەيران بولغان بالا سوراپتۇ:
—ئاتا، سىز ماڭا دائىم ‹‹كىچىكلەر چوڭلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سالام بېرىشى كېرەك›› دەپ تەلىم بېرەتتىڭىز، ئەجەبا سىز ئېيتقانلىرىڭىزغا خىلاپ ھالدا كىچىك بالىغا ئاجايىپ ئىززەت بىلدۈرۈپ ، ئاۋۋال سالام بەردىڭىزغۇ؟ ئۇ ياش يىگىت بۇ ساۋاتنى بىلمەمدىغاندۇ؟
—ئوغلۇم،–دەپتۇ بوۋاي ،–ئادەمنىڭ چوڭ–كىچىكلىكى ياش بىلەن ئەمەس ، بىلىم بىلەن ئۆلچىنىدۇ . ئەجدادلىرىمىز ‹‹ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا››دېگەن. دەرۋەقە،ئۇ يىگىت ياشتا مەندىن كىچىك ، لېكىن بىلىمى مەندىن چوڭ . مەن ئۇنىڭ يېشىغا ئەمەس، بىلىمىنى ھۆرمەتلەپ سالام بەردىم ، چۈشەندىڭمۇ؟
—چۈشەندىم،ئاتا،–دەپتۇ ئوغۇل ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قايىل بولۇپ.
ھازىر جەمئىيەتتە شۇنداقمۇ كىشىلەر باركى ، ئۇلار ئۆزىدىن چوڭلارغا ھۆرمەت، ئۆزىدىن كىچىكلەرگە ئىززەت بىلدۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالدى ، چوڭلار بار يەردە قىز–ئوغۇلار ھەر خىل يارىماس قىلىق ۋە سۆزلەرنى قىلىشىدۇ. بۇ خىل ناچار ئىللەتلەر مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە يات ئىشلار بولۇپ ،چوڭلارنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدۇ.
ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ناچار ئىللەتلەرنى تاشلاپ ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ھەسسە قوشۇش ئەڭ ئاقىلانىلىق.
|