|
بىر يىگىت دانىشمەندىن سوراپتۇ: ئاتا–ئانامدىن كىچىك قېلىپ يېتىمچىلىكتە چوڭ بولدۇم،چوڭ بولۇپ تۇرمۇشۇم ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ مېيىپ بولۇپ قالغاچقا،يەنىلا ئازاب ئىچىدە ياشاۋاتىمەن،بۇ ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى بارمىدۇ؟
دانىشمەن ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلماي ئۇنى ئىككى خالتا تۇز ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ،ئاندىن بىر چىنە سۇ تەييارلاپ بىر خالتا تۇزنى چىنىدىكى سۇغا تۆكۈپ يىگىتكە ئىچكۈزۈپتۇ،يىگىت سۇنىڭ تۇزلۇقلىقىدىن سەسكىنىپتۇ،يەنە بىر خالتا تۇزنى بىر كۆلگە تۆكۈپ كۆلدىكى سۇنىمۇ يىگىتكە ئىچكۈزۈپتۇ. يىگىت كۆل سۈيىنى ئىچكەندىن كېيىن ھېچقانداق غەيرىيلىك ھېس قىلماي دانىشمەنگە سۇئال نەزىرىدە قارىغانىكەن،دانىشمەن جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەپتۇ:
–ئازاب خۇددى تۇزغا ئوخشايدۇ،سەن ئۇنى سىغىمى كىچىك نەرسىگە سالساڭ ئەلۋەتتە ئاچچىق تېتىيدۇ،ئەمما ئۇنى پايانسىز قەلبىڭگە قويساڭ تەسىرى چوڭ بولمايدۇ.دېمەك، ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆڭۈلنى كەڭ تۇتۇش كېرەك.
توغرا، كىشىلىك تۇرمۇشتا ئادەم تۈرلۈك قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ھاياتلىقنىڭ ئاسمىنى دائىم ئوچۇق بولىۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭ تۈتەكلىك، قار–شىۋىرغانلىق كۈنلىرىمۇ بولىدۇ. تەقدىرنىڭ كېمىسى ئوڭ كەلگەن ئامەت شامىلى بىلەن ئوڭۇشلۇق ئۈزۈپ كېتىۋاتقاندا، شىددەتلىك بوران–چاپقۇنغا دۇچ كېلىپ ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ.ئازاب ئويلىغانسېرى كۈچىيىپ ئادەمگە زەربە بولىدۇ،شۇڭا بىز ئازابنى يۈك قىلىۋالماي كۆڭلىمىزنى ئازادە تۇتساق،ئۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىپ تۇرمۇش بىزگە كۈلۈپ باقىدۇ.
مۇتەللىپ ياقۇپ
|