|
ئەخمەت مۇھەممەت
1
مۇۋەپپەقىيەت ئەقىل- پاراسەت، دانالىقنىڭ يىغىندىسى، ئۇ بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە بىر قىسىم نادان كىشىلەرنىڭ ئاساسسىز بانا سۆزى بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە بولسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئامىلىنى ھەممىلا يەردە تاپقىلى بولىدۇ، بۇ پەقەت بىر ئادەمنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقىغا مۇناسىۋەتلىك، ئەڭ مۇھىمى ئەدەپلىك بولغاندىن سىرت، كۈرەش قىلىشى بىلەن تىرىشچانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك.
2
كىشىلىك ھاياتتا بىر خىل ئىناق ۋە ئاكتىپ پسىخىك ھالەت بولغاندىلا، ئاندىن كىشىلىك ھاياتتىكى تۈرلۈك رىقابەت، تۈمەنلىگەن قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى بولىدۇ. چۇنكى ئىناق ۋە ئاكتىپ پسىخولوگىيىلىك ھالەت –خىزمەت ۋە كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يول كۆرسەتكۈچ نىشانى، كىشىلىك ھايات ۋە تۇرمۇشنىڭ گۈزەل ھەمراھى، جەمئىيەت ۋە دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا غايە ۋە ئىنتىلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى.
3
نىشان مۇۋەپپەقىيەتنىڭ بايرىقى، نىشان كۈرەش قىلىش يۆنىلىشى، نىشان ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، شۇنداقلا ئەڭ گۈزەل ئارزۇ. بىر ئادەم ياكى بىر ئائىلە، بىر ئورۇن ياكى بىر كارخانا، بىر مىللەت ياكى بىر دۆلەتتە چوقۇم توغرا كۈرەش قىلىش نىشانى ھەمدە ئىلىمىي يولغا قويۇش پىلانى بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ئېتىبارسىز ۋە بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.
4
نىشان كەڭ دېڭىزدىكى پاراخوتقا يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان ماياكقا ئوخشاش قەلىبىمىزنى ھەر ۋاقىت نۇرلاندۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىپ، بىزنىڭ ھەر قانداق دولقۇن ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىزگە كۈچ ئاتا قىلىدۇ.
ئوخشاشلا نىشان چەكسىز قۇملۇقتا كۆرۈنگەن بوستانلىق، چاڭقىغان دىللارنىڭ تەشناسى زەمزەم سۇدەك كىشىلەرنى ئۈمىدلەندۈرۈپ، تېز ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىتىدۇ.
ئوخشاشلا نىشان بۇلۇت سۆيگەن چوققا، تاغقا چىققۇچىلار ئىنتىلىگەن يۇلتۇزلۇق ئاسمان، مۇسابىقىدىكى غەۋۋاسلار كۆزلىگەن چەكسىز دېڭىزنىڭ قىرغىقى، ساياھەتچىلەر تەلپۈنگەن مېھىر- مۇھەببەت بۇلىقى- ئائىلە، شۇنداقلا قىش پەسلىنى ئىللىتقان قۇياش.
5
تۇرمۇش، خىزمەت، كەسىپتە تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. توغرا تاللاش تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتىنمۇ مۇھىم. ناۋادا نىشاننى خاتا تاللىغاندا، تۈرلۈك ئەگرى– بۈگرى يوللارغا كىرىپ قېلىپ، قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇقۇپ، نىشان ۋە يۆنىلىشتىن ئادىشىپ، تېخىمۇ يىراقلىشىمىز. ناۋادا تاللىشىمىز توغرا بولسا، ئەگرى- بۈگرى يوللار ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار ئازىيىپ، ئىشلىرىمىزغا مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەمراھ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۈرەش يولىمىزدا يا ئۇنداق يا مۇنداق ئوڭۇشسىزلىقلار بولۇشى مۇمكىن، پەقەت تاللىشىمىز توغرا بولسىلا، نىشانىمىز چوقۇم ئەمەلگە ئاشقۇسى.
|