|
* ئىككى مويسىپىت پەرزەنىتلەر ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ قاپتۇ.
–ئەي بۇرادەر، ئوغۇل ۋە قىزلىرىڭ ھۆسىن–جامالدا يىتۈك، ئەقىل–پاراسەتتە كامىل بولۇپ يېتىلدى. ئۇلارنىڭ قولىدا ھەددى–ھېسابسىز مال–دۇنيا بار،–دەپتۇ بىر مويسىپىت.ئۆز پەرزەنىتلىرى ھەققىدىكى بۇ ياخشى تەرىپىنى ئاڭلىغان يەنە بىر مويسىپىت چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ:
– بۇرادەر دېگەنلىرىڭغۇ راست، ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلغۇچە چەككەن رىيازىتىمنى ھېچكىم بىلمىسە سەن بىلىسەن،ئەمما ئىنساب جەھەتتە ئۇلارنى باققۇچە بىر ئىتنى باقسام بولغانىكەن،–دەپتۇ كۆزىدىن تارام–تارام ياش تۆكۈپ. بۇ سۆھبەتكە شاھىد بولغان دانىشمەن ياقىسىنى تۇتۇپ:
–ئەي تەڭرىم، پەرزەنتلەرنىڭ كۆڭلىنى ئىنساب،تەۋپىق،دىيانەت،ۋاپادارلىق،مېھرى–مۇھەببەت نۇرلىرى بىلەن يورۇتقايسەن، ۋاپاسىز پەرزەنتتىن ھەققىقەتەن ۋاپادار ئىت ياخشىدۇر،دەپ بۇ نەزمىنى ئوقۇپتۇ.
ئۇنتىماس ئىت ھامان بەرسەڭمۇ يۇندا،
كەتمەس بوسۇغاڭدىن قېرىپ ئۆلگۈچە.
بىراق باقساڭ ۋاپاسىز پەرزەنت،
مىننەت،تەنە قىلار بىر تىيىن بەرگىچە.
* ئىچى تار،دىلى زەھەر بىر ئادەم دانىشمەننى مازاق قىلىپ:
–سىز دۇنيادا مەۋجۈت پۈتۈن سىر–ئەسرالارنى بىلىسىزغۇ دەيمەن؟–دەپتۇ.
دانىشمەن غەزەپ دەرۋازىسىنى مەھكەم قۇلۇپلاپ،سۆز گۆھىرىنى ئىپارغا ئوراپ:
–سوقرات ‹‹مېنىڭ بىردىنبىر بىلىدىغىنىم ئۆزەمنىڭ ھېچنەرسىنى بىلمەسلىكىمدۇر››دېگەنىكەن تەخسىر،–دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ئابدۇكېرىم مەخسۇت
|