|
بىر نەچچە ستۇدېنت تاغقا چىقىپتۇ ، لېكىن تۇيۇقسىز ھاۋا ئۆزگىرىپ تاغدىن چۈشىدىغان يولنى تاپالماي قاپتۇ . بەختكە يارىشا شۇ جايدىكى يەرلىكلەر دەل ۋاقتىدا كېلىپ قالغاچقا ، ئۇلار خەتەردىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ . ئارىدىن بىر ستۇدېنت تازا تەن بەرگۈسى كەلمەي ، ئۇلارنى قۇتقۇزىۋالغان بىرىگە ‹‹بىز ئەسلى نىشاننى بىلەتتۇق ، پەقەت بىزگە يوللا تۇنۇش ئەمەس ، خالاس !››دەپتۇ . بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھېلىقى ئادەم يۈز – خاتىرە قىلىپ ئولتۇرمايلا :‹‹نىشاننى بىلگىنىڭىز نېمىگە ئەسقاتىدۇ ؟ نىشان پەقەت سىزنىڭ توغرا يولنى تېپىۋېلىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ ، بىراق ئۇ ھەرگىزمۇ يول بىلگەن بىلەن باراۋەر ئەمەس . نىشان سىزگە غەربكە مېڭىشىڭىزنى كۆرسىىتپ تۇرۇپتۇ ، بىراق غەرب تەرەپ تار كەتكەن چوڭقۇر ساي ، يەنىلا يولنى بىلمىسىڭىز تاغدىن چۈشەلمەيسىز –دە›› دەپتۇ . دەرھەقىقەت ، كىشىلىك تۇرمۇش يولىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ . سىز نىشاننى بەلگىلىۋېلىپلا ، مەقسەتكە يەتتىم ، دەپ ئويلاپ قالماڭ . ئەگەر ئۆزىڭىز ئۈچۈن كونكرېت تىرىشىش ئۇسۇلىنى تاپمىسىڭىز ، ئاخىرى يەنىلا مەغلۇپ بولىشىڭىز مۇمكىن .
|