باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>تەرمىلەر
‹‹پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ››دىن ئۈنچىلەر
2007- 11- 22 16:52 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

(تەڭرىتاغ تورى) 

   ◆‹‹ئۆزۈم قىلالايمەن›› دېگەنگە قەتئىي ئىشەنچ قىلىش كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ زور بايلىق .

   ◆ئىشەنچكە ئىگە ئادەم ئۆزىنىڭ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنىدىن ئاغرىنمايدۇ ، ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندىمۇ ئاھ ئۇرمايدۇ ، ئۇلار ھاياتىنى غۇدراش بىلەن تېڭىرقاش ئىچىدە ئۆتكۈزمەيدۇ ...

   ◆بىرەر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بىلەن قازىنالماسلىقنى تازا ئاڭقىرىيالمىغاندا ، ئۇ ئىشنى قەتئىي ئىشەنچ بىلەن قىلىڭ ، مەيلى شۇغۇللانغان كەسىپىڭىز قانچىلىك جاپالىق بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىنەزەر ، سىز چوقۇم ئۇتۇق قازىنالايسىز ....

  ◆مەغلۇبىيەت مەزگىلىدە رىغبەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن دېيىلگەن بىر ئېغىز سۆز مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىنكى بىر كىتاب بولغىدەك مەدىھىيىنى بېسىپ چۈشىدۇ ......

  ◆ئېتىقاد ۋە ئاكتىپ تەپەككۇرغا ئىگە بولۇش ، تىرىشىپ ئۆگىنىش ، قەتئىي ئىرادىگە كېلىش ، كۆڭۈلدە ئۆز نىشانىنى ھەر دائىم زىكرى قىلىپ تۇرۇش ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مەخپىي رېتسىپى ....

  ◆ئادەمگە بىر بېلىق بەرگىنىڭ —بىر كۈنلۈك ئوزۇق بەرگىنىڭ ، ئادەمگە بېلىقچىلىق ھۈنىرىڭنى بەرگىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئوزۇق بەرگىنىڭ ...

  ◆ئەگەر سىز كۈنلىرىڭىزنى خۇشال – خورام ئۆتكۈزسىڭىز خاتىرجەملىككە ئېرىشىسىز ، خاتىرجەم بولغان ئىكەنسىز بەخت دېگەننىڭ ئۆزى شۇ . سىزنىڭ پىسخىكا ھالىتىڭىز تەن ساغلاملقىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى ...

  ◆ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىشىگە ، كەلسە – كەلمەس ئاچچىقلىنىشىغا يول قويساق ، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە كەڭ قورساقلىققا بىپەرۋا مۇئامىلىدە بولساق بەخىتسىز بولۇپ قالىمىز ...

 

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ