باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>تەرمىلەر
يەتتە ئىقلىمدا
2007- 11- 15 17:21 شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى

    * لىتۋادا 102ياشلىق بوۋاي 76 ياشلىق موماي بىلەن توي قىلدى

   6 – نويابىر لىتۋالىق كەيۋېچىس ئىسىملىك بىر بوۋاي بولونا ئىسىملىك 76 ياشلىق بىر موماي بىلەن توي قىلىپ ، بۇ دۆلەتتتىكى يېشى ئەڭ چوڭ ‹‹ يىگىت›› بولۇپ قالغان . لىتۋا نىكاھ  تىزىملاش ئورنىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى 1986 – يىلى 84 ياشلىق بىر بوۋاي ، 1991 – يىلى 80 ياشلىق بىر موماي نىكاھلىنىشقا تىزىملاتقانىكەن .

     * ئەنگىلىيىدە بىر ئانا سۈتىنى ساتماقچى بولدى

   ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئەنگىلىيىلىك ياش بىر ئانىنىڭ سۈتى بەك كۆپ بولغانلىقتىن ، يېقىندا ئۆزىنىڭ ‹‹ئېشىنچا››سۈتىنى ساتىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان بەرگەن . ئىگىلىنىشچە ، بۇ ئانىنىڭ ئىسمى ماشا بولۇپ ، بۇ يىل 22 ياشتا ئىكەن . ئۇنىڭ قىزى ئەمدى تۆت ئايلىق بولغان . ماشانىڭ سۈتى بەك كۆپ بولغاچقا ، بالىسى ئەمگەندىن سىرت ، بىر قىسىم سۈتىنى ‹‹سېغىپ››، توڭلاتقۇسىدا ساقلىغان . بىر قىسمىنى شۇ يەردىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ‹‹ ئانا سۈتى بانكىسى›› غا ئىئانە قىلغان . ئېشىپ قالغان سۈتىنىڭ ھەر ئونسىيە(2.8 كىلوگرام) سىنى 200 ئامېرىكا دوللىرىدىن ساتماقچى بولغان . بۇ ئىشتىن كېيىن ، شۇ يەردىكى سەھىيە تەشكىلاتى ، ماشانىڭ بۇ ئىشىنى ھەرگىز تەشەببۇس قىلىشقا بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇ سۈتىنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكىنى تەكسۈرتمىگەن ،دېگەن .

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ