|
بىر نامرات چەكسىز قۇملۇقتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ، سۈيى تولىمۇ مۇزدەك بۇلاقتىن بىرنى بايقاپتۇ ، بۇلاق سۈيى ھېچنىمىگە تەڭلەشتۇرگىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە تەملىك ئىكەن . ئۇ بېلىدىكى تولۇمغا بۇلاقتىن لىق سۇ ئاپتۇ ، مۇددىئاسى پادىشاھقا سۇنۇش ئىكەن . ئۇ ناھايتىمۇ ئۇزاق يول باسقاندىن كېيىن ، ئاخىرى بۇ بىر تولۇم سۇنى پادىشاھنىڭ ھوزۇرىدا ھازىر قىپتۇ . پادىشاھ ئۇ ئەكەلگەن سۇنى تولىمۇ خوشاللىق بىلەن ئوتلاپ ، ئۇنىڭ شۇنچە قىممەتلىك سوۋغا ئېلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپتۇ .
ئۇ ئادەم كەتكەندىن كېيىن ، قىزىقىپ قالغان شاھزادە تولۇمدىكى سۇدىن بىريۇتۇم ئىچىپتۇ –يۇ، يۇتالماي تۈكۈرۈپ تاشلاپتۇ . چۈنكى سۇ تولۇمدا ئۇزاق تۇرۇپ كەتكەچكە ، ئۇنىڭغا كونا تولۇمنىڭ تەمى سىڭىپ ئىچكىلى بولمايدىغان نەرسىگە ئايلانغانىكەن . شاھزادە چۈشەنمەي شاھتىن سوراپتۇ :
– شاھ ئاتا نېمىشقا ئۇنداق ھۇزۇرلىنىپ ئىچكەن قىياپەتكە كىرىۋالىسىز؟
–بالام ،–دەپتۇ شاھ ،–ئۇ ئادەم ماڭا سۇنى چىن يۈرىكىدىن چىقىرىپ سوۋغا قىلغان . مىنىڭ ھوزۇرلانغىنىم بۇلاق سۇيىنىڭ تەمى ئەمەس بەلكى ئۇ ئادەمنىڭ ساپ قەلبى ۋە ساداقەتمەن يۈرىكى . ھەر قانداق ئادەم چىن ھېسياتى بىلەن سۇغۇرۇلغان سوۋغىتىنى ساڭا ئاتىغاندا ، سوۋغا ئۇنىڭ قولىدىكى ماددىي بۇيۇم بولماستىن بەلكى بۇيۇمغا سىڭدۈرۈلگەن ھەقىقىي سەمىمىيىتى بىلەن مۇھەببىتى بولىدۇ .
ئايقىز مۇھەممەت تەرجىمىسى
|