باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>مەدەنىيەت>>دۇنياغا نەزەر
روسىيىنىڭ %15 زېمىنىلا ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ماس كېلىدۇ
2009- 09- 30 10:52 شىنجاڭ گېزىتى

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 28 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. روسىيە ‹‹كومسۇمۇل ھەقىقىتى گېزىتى›› 28 – سېنتەبىر روسىيە دۆلەت زېمىنى كۆلىمىنىڭ تەبىئىي تارقىلىش ستاتىستىكا ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، نەتىجىگە قارىغاندا، ھازىر، روسىيىدە ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ماس كېلىدىغان يەر كۆلىمى پۈتۈن دۆلەت زېمىنىنىڭ ئاران %15ىنى ئىگىلەيدىكەن.

     خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ستاتىستىكا مەزمۇنى روسىيە دۆلەت زېمىنى كۆلىمى ۋە دەريا، كۆل، دېڭىز قاتارلىق تەبىئىي تارقىلىش ئەھۋاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يەنى، روسىيىنىڭ دۆلەت زېمىنى 17 مىليون كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، %60 كۆلەم مەڭگۈ توڭ تۇپراققا تەۋە. سازلىق ۋە سازلىقلىشىۋاتقان جاي تەخمىنەن %22ىنى ئىگىلەيدۇ، دەريا، كۆل كۆلىمى دۆلەت زېمىنى كۆلىمىنىڭ %4ىنى ئىگىلەيدۇ. پەسىل خاراكتېرلىك سۇ بېسىپ كەتكەن يەرلەر، تاغ – دەريالار ۋە يىل بويى مۇزلۇق بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان يەرلەرنى قوشقاندا، ھازىر، روسىيىدە %85 دۆلەت زېمىنى ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلىشىشىغا ماس كەلمەيدۇ. يەنى، ئىنسانلارنىڭ نورمال ئولتۇراقلىشىشىغا ماس كېلىدىغان دۆلەت زېمىنى كۆلىمى پۈتۈن دۆلەت زېمىنى كۆلىمىنىڭ %15ىنى ئىگىلەيدۇ.

     خەۋەردە پۈتۈن دۆلەت زېمىنىدا شەھەرلەرنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى بىلەن تېرىلغۇ يەرلەر كۆلىمىنىڭ ئومۇمىي سانى كۆرسىتىلمىگەن. خەۋەردە روسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ماس كېلىدىغان يەر كۆلىمى جەھەتتىن ئېيتقاندا، كانادا، ئامېرىكا، برازىلىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، روسىيىنىڭ تىلغا ئالغىدەك ئەۋزەللىكى يوق.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە