باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>مەدەنىيەت>>دۇنياغا نەزەر
‹‹كىلىمات مۇساپىرلىرى››نىڭ سانى ‹‹ئۇرۇش مۇساپىرلىرى››نىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى
2009- 09- 25 11:51 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

     22 – سېنتەبىر ب د ت ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتقا قارىغاندا، كەلكۈن، بوران – چاپقۇن، قۇرغاقچىلىق ۋە كىلىماتقا مۇناسىۋەتلىك باشقە تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن بۇلتۇر 20 مىليون ئادەم يۇرت – ماكانىدىن ئايرىلغان، بۇ ئۇرۇش ۋە توقۇنۇش سەۋەبىدىن مۇساپىر بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ سانىدىن تۆت ھەسسىچە كۆپ.

     دۇنيا كىلىماتىنىڭ ئىللىشى بوران – چاپقۇننى كۆپەيتىپ ۋە كۈچەيتىپ، نۇرغۇن بالا – قازا تېرىدى. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ خىل كىلىمات ئۆزگىرىشى كۈنسېرى كۈچەيگەچكە، كىلىمات ئاپىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كىشىلەرنىڭ ئۆي – ماكانىنى تاشلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.

     بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇلتۇر جەمئىي 36 مىليون ئادەم تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن ئۆي – ماكانسىز قالدى، بۇ، جۇڭگونىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە يەر تەۋرىگەندە ماكانسىز قالغان 15 مىليون ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ ئادەم قۇرغاقچىلىق قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن ئۆي – ماكانسىز قېلىشى مۇمكىن. خەلقئارا مۇساپىرلارنى كۆزىتىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى كېت ئارېف مۇنداق دېدى: مەقسىتىمىز سانلىق مەلۇماتنى ئېنىق ئېلان قىلىپ، بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرەلەيدىغان ياكى بېرەلمەيدىغانلىقىمىزغا قاراپ بېقىش، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت پىلانىمىزنى تۈزۈش. ئەمما خادىملىرىمىز ئۇزاقتىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ مۇساپىرلارنىڭ مۇساپىرچىلىق ھاياتىنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىگە جاۋاب تاپالمىدى. دېڭىز تەكشىلىك يۈزىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن تەدرىجىي كۆرۈلگەن كىلىمات ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇساپىرلار دولقۇنىنى توغرا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ھەقىقەتەن تەس، چۈنكى مۇساپىرلار ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىن ئۆزلۈكىدىن كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ قاچانلاردا ئۆي – ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانغا ئۆزگەرگەنلىكىگە ھازىرغىچە جاۋاب يوق، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەبىئىي ئاپەتتە قانداق رول ئوينىغانلىقىنى بېكىتىشمۇ بەس – مۇنازىرە قوزغىشى مۇمكىن.

     دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: مۇساپىرلار سانىنىڭ كۆپىيىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەمدە ساقلانغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەت شۇكى، قېتىم سانى كۆپەيگەن، تېخىمۇ كۈچلۈككىلىمات ئاپىتى دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ نوپۇسقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھىندىستاندا بۇلتۇر يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 5 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆي – ماكانىدىن ئايرىلدى، بۇ ئاپەتنى پەيدا قىلغان بىر قىسىم سەۋەب ھىندىستاندىكى پەسىل شامىلىنىڭ دەۋرىلىنىش ۋاقتى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىدە؛ فىلىپپىندا 2 مىليونغا يېقىن ئادەم بوران سەۋەبىدىن يۇرت – ماكانىدىن ئايرىلدى، جۇڭگو ۋە بېرمىدىمۇ بوران – چاپقۇن كەڭ كۆلەملىك تارقاقلاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغىدى.

     ئاسىيادا بۇلتۇر يۈز بەرگەن ئاپەتكە مۇناسىۋەتلىك كۆچۈش دولقۇنى دۇنيادا كۆچكەن نوپۇس ئومۇمىي سانىنىڭ %90ىدىن ئېشىپ كەتتى، ئاسىيا ئاسان ئاپەت يۈز بېرىدىغان رايون بولغانلىقى ئۈچۈن، كەلگۈسىدە بۇ خىل ئەھۋال ئېغىر بولۇشى مۇمكىن.

     كېت ئارىف رەھبەرلىكىدىكى مەركەزنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، توقۇنۇش سەۋەبىدىن بۇلتۇر كۆچكەن نوپۇس 4 مىليون 600 مىڭغا يېتىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە