|

ئۇيغۇرلاردا ساڭزىنىڭ خېمىرىنى يوغۇرىشتىن تارتىپ ، تىندۇرۇش ، زۇۋۇلا ئۈزۈش ، ئېشىش ، قاتلاش ، مايغا سېلىش ، لىگەنگە تىزىش قاتارلىق مەشغۇلات جەريانى ھېچقايسى مىللەتنىڭ ساڭزىسىغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدلىككە ئىگە . ھازىرقى زامان يېمەك – ئىچمەك ئىلمىي نۇقتىينەزىرىدىن قارىغاندىمۇ ساڭزىنىڭ ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا تامامەن ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى .
شاڭزا شەكلى كۆركەم ، نەپىس ، تەمى مەززىلىك ، خۇشبۇي ، يېگەنسېرى ئىشتىھانى قوزغايدىغان يېمەكلىك . ئۇ ھېيىت – ئايەم ، توي – تۆكۈن ۋە توغقانلار ئۇچرىشىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان ، داستىخان تۆرىسىدىن ئورۇن ئالىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى .
ساڭزىنىڭ يەنە بىر خىلى يايما ساڭزا شەكلىمۇ بار . يايما ساڭزىمۇ ئېسىل يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ .
« خۇرۇچى »
ئالاھىدە دەرىجىلىك بۇغداي ئۇنى ، سۇ ماي ، كاۋاۋىچىن پىياز ، تۇخۇم ئېقى ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا
« تەييارلاش ئۇسۇلى »
پىيازنى يالپاق توغراپ ، سوقۇلمىغان كاۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ، تەمى چىققاندا تىرىپىسنى سۈزۈۋېلىپ سوۋۇتۇپ ، شۇ سۇ بىلەن بەشتىن بىر نىسبەتتە داغلانغان ئۆسۈملۈك مېيىنى قوشۇپ ، تۇخۇمنىڭ ئېقىدىن ئازراق قوشۇپ ، نورمال خېمىر يوغۇرۇپ چۈمكەپ قويىمىز . تىنغان خېمىرنى قايتىدىن ئىشلەپ ، بىلەكتەك توملاپ ، 100 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا قىلىپ مايلاپ داسقا تىزىپ ، ئۈستىنى چۈمكەپ تىندۇرىمىز . قازانغا سۇ ماي قۇيۇپ قىزىتىپ تەييارلايمىز . تىنغان زۇۋۇلىنى ئالقانغا ئېلىپ كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن زۇۋۇلىنىڭ ئوتتۇرسىدىن تېشىپ ، تۆشۈكىنى كېڭەيتىپ ، ئىككى ئالقان بىلەن پىلتىنى ئېشىپ ، ئىنچىكە چوكىدەك ھالەتكە كەلگەندە 2.5 سانتېمىتىر ئۇزۇنلۇقتا گىرەدەپ يۆگەيمىز . ئۇنى ئۇزۇن ئىككى تال چوكىنىڭ ئۇچىغا ئېلىپ ، بىر چوكىنى ئوڭغا ، بىر چوكىنى سولغا ئىلگىرى – كېيىن قاتلاپ چوكىنى چىقىرىۋالىمىز . ساڭزىنى ئۆرۈپ – چۆرۈپ بېرىمىز ، تەكشى سارغىيىپ پىشقاندا سۈزۈۋېلىپ ، لىگەن ياكى پەتنۇسقا 4–5 قۇر قىلىپ ئۈستمۇ ئۈست تىزىمىز .
ساڭزا سالغاندا پىلتىنى ئۇدۇللۇق تېشىپ ئۇدۇللۇق سالىمىز . ئېشىپ قويۇپ قويساق يېپىشىپ كاللەك بولۇپ قالىدۇ ، ساڭزىمۇ چېچەكلىمەيدۇ . يەنە ماينىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ، ماينىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولسا ساڭزا چېچەكلىمەيدۇ ، بەك يۇقىرى بولسا تېشى كۆيۈپ كېتىپ ، ئىچى خام قالىدۇ .
|