باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>مەدەنىيەت>>ئەنئەنە>>ئۆرىپ–ئادەت
شىنجاڭ قارىقاش ناھىيىسى دىساڭ يېزىسىدىكى ماتاچىلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىگى
2009- 08- 26 15:57 تەڭرىتاغ تورى

    توقۇمچىلىق سانائىتى تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە ، ماتاچىلىقدىن ئىبارەت قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئاسان ئەمەس. ماتا كىيىملەر ئازاتلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ، كىشىلەر ئارىسىدا مودا بولغان ئىدى ، ھازىر شىنجاڭ تەۋەسىدە ئاساسي جەھەتتىن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى . جەنۇبى شىنجاڭ بازارلىرىدا بەزىدە  باشقىلارنىڭ ماتا توغرىسىدا پاراڭلاشقانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمىز . جەنۇبى شىنجاڭدا بىرەرى قازا قىلغاندا ماتاغا ئوراپ يەرلىكىدە قويۇشقا ئادەت قىلىنغان ، باشقا ۋاقتلاردا ماتا ئانچە ئىشلىنىپ كەتمەيدۇ.

    بۇ چاتما رەسىملەر 2004–يىلى باھار بايرىمىدىن بۇرۇن ، قارىقاش ناھىيىسى دىساڭ يېزىسىدىكى 84 ياشلىق بوۋاي بەكرى ئاخۇننىڭ ماتا توقۇۋاتقان ۋاقىتتىكى رەسىملىرىدۇر.

    ماتا توقۇغاندا ئاۋۋال يېيىپ بولۇنغان پاختىنى يىپ قىلىپ ئىگىرىپ ، ئاندىن يىپنى رەتلەپ قازانغا چىلايمىز، قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن ئاندىن ماشىنىغا چىقسا بۇلىدۇ. ماشىنا نەچچە تال ياغاچدىن ياسالغان بۇلۇپ ، يەر ئاستىدا ئورەك كولىنىدۇ ئاندىن دەسسەش تاختىسى شۇ يەرگە باغلاپ قويۇلىدۇ . يىپنىڭ كەينىگە تاشنى باغلاپ ، تورۇسقا ئېسىپ قويۇلىدۇ. بۇ كىشى ئىشلەتكەن تۈۋرۈك بوۋاينىڭ ئاتا – بوۋىسىدىن قالغان كالا مۈڭگۈزى بولۇپ بوۋاي بىر ئۆمۈر مۇشۇ تىجارەت بىلەن شوغۇللاندى ، ئۇ 84 ياشقا كىرگەن تۇرۇغلۇق يەنە ئارام ئالمىدى . گەرچە ئازراق پۇل تاپقان بولسىمۇ ماتا توقۇش ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە