باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>دۇنياغا نەزەر
مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋەدىسىدە تۇرۇشى كېرەك
2008- 10- 01 12:22 شىنجاڭ گېزىتى

   150 نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبىرى 25 – سېنتەبىر نيۇ – يوركتىكى ب د ت باش شتابىغا جەم بولۇپ، ب د ت باش كاتىپى بان كىمون چاقىرغان مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قەدەم تەشرىپ قىلدى. بۇ ھەر قايسى ئەل رەھبەرلىرىنىڭ 2000 – يىلى مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانى تۈزۈلگەندىن بۇيان، نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىشى ھېسابلىنىدۇ. مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغان ھازىرقى ئەھۋالدا، ھەرقايسى تەرەپلەر پۇرسەتنى تۇتۇپ تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشى، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋەدىسىدە تۇرۇپ، مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئەمەلگە ئېشىشىغا پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك. 

   ھەر قايسى ئەل رەھبەرلىرى سەككىز يىل ئىلگىرى ‹‹مىڭ يىل خىتابنامىسى››دا: ‹‹ئەر – ئايال، قېرى – ياش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق ۋە قىلچە قەدىر – قىممىتى بولمىغان كۆك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كۈچىمىزنىڭ بارىچە ياردەم قىلىمىز›› دەپ ۋەدە بەرگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنىڭ 2015 – يىلىدىكى ئالدىن بېكىتىلگەن قەرەلىگە ئاز قالدى، ھالبۇكى، مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى تەكشى ئەمەس، بەزى دۆلەتلەر بەزى نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، دۆلەتلەر ئارا ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا يەنىلا زور پەرق مەۋجۇت، ئومۇمىي ۋەزىيەت كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.

   بۇنىڭغا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز بولۇش، تۈزۈمى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق ئىچكى ئامىللار، شۇنداقلا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە كرىزىسى ۋە ئاشلىق كرىزىسى قاتارلىق بىر قاتار خىرىس خاراكتېرلىك تاشقى مۇھىت ئامىللىرى سەۋەب بولغان  بولسىمۇ، شۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇكى، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي، مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتىدە كاپالەت كەمچىل بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ،كەلگۈسىدىكى يولغا قويۇش مۇساپىسىگە تەسىر يەتكۈزدى.

   2005 – يىلىدىكى ب د ت باشلىقلار يىغىنى ۋە ئالاقىدار يىغىنلاردا، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر 2010 – يىلى ياردەم سوممىسىنى 2004 – يىلىدىكى 80 مىليارد دوللاردىن 130 مىليارد دوللارغا ئۆستۈرىمىز، دەپ  ۋەدە بەرگەن ئىدى. ھالبۇكى، ب د ت بۇ يىل سېنتەبىردە ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2007 – يىلىغا كەلگەندە، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تەرەققىيات ياردىمى ئۇدا ئىككى يىل كېمەيگەن، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىللىق ياردەم مەبلىغىنى 18 مىليارد دوللارغا ئۆستۈرمىسە، ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ.

   تۈرلۈك تارىخىي ۋە رېئال سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدا زور پەرق ساقلاندى. تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتتە، بولۇپمۇ ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەردە نامراتلىق ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي ياشاش شارائىتىمۇ ئومۇميۈزلۈك كەمچىل. ھاياتىنى ساقلاش قىيىن بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، قانداقمۇ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تەرەققىي قىلىشتىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن.

   ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىدا پايدىسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئورتاق ئۆتۈشى كېرەك. بىر تەرەپتىن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆز ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرمۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ياردەمنى كۆپەيتىپ، تەرەققىياتقا پايدىلىق خەلقئارا مۇھىت بەرپا قىلىشى كېرەك. ۋەدە بەرگەن ئىكەن، ۋەدىسىدە تۇرۇش  كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ