|

موتسىكلىت بىلەن ئايروپىلاننىڭ ئۈستىدىن ‹‹ئۇچۇپ›› ئۆتۈش

قول – پۇتى كىشەنلەنگەن كىشىنىڭ ئايلىنىۋاتقان كىر يۇيۇش ماشىنىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشى
ئامېرىكىلىق فوتو – سۈرەت مۇخبىرى جېففېر. ۋېينو ئۆتكەن 30 يىلدا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتنى ئايلىنىپ چىققان بولۇپ ، مەخسۇس ئەڭ ئەسەبىي، ‹‹ئالاھىدە ماھارەت››لەرنى سۈرەتكە تارتقان . يېقىندا ، كىشىلەرنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدىغان بۇ سۈرەتلەر ئۇنىڭ يېڭى كىتابى ‹‹كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئالاھىدە ماھارەت ئويۇنلىرى›› غا كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابتا قول – پۇتى كىشەنلەنگەن كىشىنىڭ ئايلىنىۋاتقان كىر يۇيۇش ماشىنىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشى ، يۇقىرى سۈرئەتتە كەلگەن ئىككى ئاپتوموبىلنى بىر– بىرىگە قەستەن سوقۇش ، ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلاندا ‹‹سالقىنداش›› ، 20 بالا ئولتۇرغان يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئادەمنى بېسىپ ئۆتۈشى قاتارلىق جان بىلەن ئوينىشىدىغان ماھارەتلەر بار بولۇپ ، جېففېر. ۋېينو بۇ كىتابنى سېتىۋالغۇچىلارغا بۇ ھەرىكەتلەرنى ھەرگىز دورىماسلىقنى قايتا –قايتا تەۋسىيە قىلغان.

52 ياشلىق ئايال ئايروپىلان قانىتىدا ‹‹سالقىندىماقتا››

7.5 مېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپ، مىلتىق بىلەن قېرىندىشىنىڭ بېشىغا قويۇلغان تاۋۇزنى ئېتىش

20 بالا ئولتۇرغان يۈك ئاپتوموبىلى ئۆنىڭ قورساق قىسمىدىن بېسىپ ئۆتتى

ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلغا سۆرۈلىۋالغان كىشى

بىر چوڭ ئاپتوموبىل 15 موتسكىلىتنىڭ ئۈستىدىن ‹‹ئۇچۇپ›› ئۆتمەكتە

ئىككى پىكاپنى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن بىر – بىرىگە سوقۇش
|