باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>دۇنياغا نەزەر
ئو ت م دىن كېيىنكى دۇنيا نەزەرىدىكى جۇڭگو
2008- 09- 26 18:01 شىنجاڭ گېزىتى

   17 – سېنتەبىر بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نىڭ مۇقەددەس ئوتى ئۆچتى، ئاي نۇرىدا سېھرىي كۈچكە تولغان دۆلەت تەنھەرىكەت مەيدانى  ‹‹چاڭگا››دا، ئاسماندىن تۆكۈلگەن قىزىل يوپۇرماقلار بېيجىڭنىڭ ئالتۇن كۈزدىكى گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بولغان بېيجىڭ ئو ت م  ۋە بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نى ئاياغلاشتۇردى.

   16 كۈن داۋاملاشقان بېيجىڭ ئو ت م بىلەن 12 كۈن داۋاملاشقان بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م جۇڭگونى دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە چىقاردى، دۇنيا خەلقىنىڭ ئېسىدە ئو ت م دىكى ماھىرلارنىڭ جان تىكىپ ئېلىشقان سىماسى بىلەن مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەر نامايان قىلغان ئىنسانلارنىڭ تىز پۈكمەس مەنىۋى كۈچى ھەم ئىككى ئو ت م نى ئۆتكۈزگەن ساھىبخانائىشەنچكە تولغان، ئوچۇق – يورۇق، كەڭ قورساق، سەمىمىي دۆلەت بىلەن ئۇنىڭ 1 مىليارد 300 مىليون خەلقىنىڭ مېھماندوست، قىزغىن كۈلۈمسىرىشى قالدى.

‹‹ئىنسانلارنىڭ ئارزۇسىنى مۇپەسسەل نامايان قىلدى››

‹‹ئو ت م نىڭ ئېسىل باشلىنىش مۇراسىمىدا، تەشكىللەش جەھەتتە قازانغان ئۇتۇق ئالاقە جەھەتتە ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. مەشئەل يەتكۈزگۈچىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا مېڭىپ ئو ت م مەشئىلىنى ياندۇرۇشى ئىنسانلارنىڭ ئارزۇسىنى مۇپەسسەل نامايان قىلدى. ئۇلۇغ كەشپىياتتىن تارتىپ يەر شارىنى قوغداشقا قەدەر، جۇڭگولۇقلار ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مىراسىنى تولۇق نامايان قىلدى، دېدى فرانسىيىنىڭ سابىق زۇڭلىسى راففارېن فرانسىيىدە چىقىدىغان ‹‹دۇنيا گېزىتى››گە بېسىلغان ماقالىسىدە.

   پۈتۈن دۇنيادىكى 4 مىلياردقا يېقىن تاماشىبىن بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئېسىل باشلىنىش مۇراسىمىنى تېلېۋىزوردىن كۆردى. باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ كۈچلۈك زامانىۋى پۇراققا ئىگە ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىلەن جۇڭگونىڭ مول ھەم چوڭقۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئامىلىئاسمانغا ئۇچۇش، سىياھ يۆگىمە كىتاب، جېڭ خېنىڭ كېمە ئەترىتى، تۆت چوڭ كەشپىيات....كىشىلەرنى چەكسىز ھاياجانغا سالدى.

   ئەمەلىيەتتە بېيجىڭ ئو ت م باشلىنىشتىن بۇرۇنلا، جۇڭگو دۇنيانى ھەيران قالدۇرغانىدى. جۇڭگولۇقلار ئۆزى ياسىغان دۆلەت تەنھەرىكەت مەيدانى‹‹چاڭگا›› دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك، ئەڭ چىرايلىق تەنھەرىكەت مەيدانىغا ئايلىنىپ، يات دۆلەت كىشىلىرىدىكى ‹‹جۇڭگودا ئىجادىيەت يوق، جۇڭگو پەقەت تۆۋەن تەننەرختىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان دۆلەت›› دەيدىغان بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئۆزگەرتتى.

   ئەنگلىيىدە چىقىدىغان ‹‹پۇل مۇئامىلە ۋاقتى›› گېزىتىنىڭ 3 – ئاۋغۇستتىكى باش ماقالىسىدە: بېيجىڭ ئو ت م جۇڭگونىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن تارتىدىغان زامانىۋى، باي، ئۇتۇق قازانغان تەرىپىنى نامايان قىلدى، دېيىلدى.

   غەربنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بېيجىڭنىڭ مۇھىت ئەھۋالىغا دائىم گۇمان بىلەن قارىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئو ت م مەزگىلىدىكى مۇھىت ئەھۋالى توغرىسىدا 17 – سېنتەبىر: مېيىپلەر ئو ت م مەزگىلىدە، بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى ياخشى بولدى، يوللاردا قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلمىدى، كۈندە دېگۈدەك كۆك ئاسماننى كۆرۈپ تۇردۇق، دەپ خەۋەر قىلدى.

‹‹ئو ت م نىڭ ئىنسانىيلىقى كۈچلۈك بولدى››

   بېيجىڭ ئو ت م باشلانغاندا، ۋېنچۇەندە سەككىز بال كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە 100 كۈنمۇ بولمىغانىدى. جۇڭگولۇقلار ئۇرۇق – تۇغقىنىدىن ۋە يۇرت – ماكانىدىن ئايرىلىش ئازابىنى تېخى تولۇق ئۇنتۇپ كەتمىگەنىدى، ئاپەتتىن كېيىنكى يۇرت – ماكاننى قايتا قۇرۇشتا ۋەزىپە مۈشكۈل ھەم يول يىراق بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگولۇقلار ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا خەلقىنىڭ ھۇزۇرىغا ئىككى ئېسىل ئو ت م نى سۇندى.

   ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹ئاخبارات›› ھەپتىلىك ژۇرنىلىدىكى بىر ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىنى يېڭىلا بېشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ ئاساسىي تېمىسى يەنىلا ‹‹دۇنيا ۋە دۇنيا خەلقىگە كەڭ قۇچاق ئاچىمىز›› بولدى. ۋېنچۇەندىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ساۋاقداشلىرىنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغان توققۇز ياشلىق بالا جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىللە، قامەتلىك ۋاسكېتبول ماھىرى ياۋ مىڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ مەيدانغا كىرگەندە، ھەممە كىشى ئۇنى كۆرۈپ ھەم خۇشال بولدى، ھەم تەسىرلەندى.

   فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مېيىپلەر ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى خەۋەر قىلغاندا: چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان لى يۆ تۆت ئاينىڭ ئالدىدا سىچۇەندە يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىدە بىر پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى، لېكىن بالېت ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان 11 ياشلىق بۇ قىز مېيىپلەر ئو ت م بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۇلۇغ روھىنى تەسىرلىك ئەكس ئەتتۈردى، دېدى.

   گېرمانىيە زۇڭتۇڭى كولېر مېيىپلەر ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن تەسىرلىنىپ: باشلىنىش مۇراسىمى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بولدى، شۇنچە كۆپ مېيىپ تەنھەرىكەتچى گەرچە مېيىپ بولسىمۇ، لېكىن غايىسىدىن ۋاز كەچمەپتۇ، بۇ كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، دېدى. مېيىپلەر ئو ت م گە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن گېرمانىيىلىك بۇ سىياسىي ئەربابنىڭ بىر ئەما قىزى بار.

   ‹‹ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى››دە: بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى مېيىپلەرگە ‹‹مەدەنىي جۇڭگونى ھېس قىلدۇردى››، دېيىلدى.

   گېرمانىيىدە چىقىدىغان ‹‹فرانكفورت مەلۇماتلىرى›› گېزىتىدە: ھۆكۈمەتنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن جۇڭگودىكى 83 مىليون مېيىپ جەمئىيەتتىكى چەتكە قېقىلغان ئورۇندىن تۇرمۇشنىڭ مەركىزىگە قايتتى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، نۇرغۇن مېيىپ تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، مېيىپلەر ئو ت م بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ، دېيىلدى.

‹‹جۇڭگولۇقلار ئو ت م كاتتا مەرىكىسىدە نامايان قىلغان روھ جۇڭگونىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ››

   دۇنيا جۇڭگونى تېخىمۇ تونۇدى، جۇڭگو دۇنيانى تېخىمۇ چۈشەندى، دەپ باھا بەردى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى روگگې. بېيجىڭ ئو ت م ۋە مېيىپلەر ئو ت م نى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، جۇڭگو پۈتۈن دۇنياغا تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىلدى، پۈتۈن دۇنيا جۇڭگونى تېخىمۇ چۈشەندى ھەم جۇڭگوغا تېخىمۇ ئەقلىي پوزىتسىيە بىلەن قارايدىغان بولدى، بۇ جۇڭگوغا پائال ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

   ئو ت م كىشىلەرنى جۇڭگوغا كېلىش ھەم جۇڭگونى كۆزىتىش پۇرسىتىگە ھەم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، دېدى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش بېيجىڭ ئو ت م گە باھا بېرىپ.

   ئەنگلىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى تونى بلايېر ئو ت م ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يازغان ماقالىسىدە مۇنداق دېدى: داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ ئو ت م كىشىلەردە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇردى. ئو ت م باشلىنىشتىن بۇرۇن يېڭى قۇرۇلغان جۇڭگو ئالاقە تورى شىركىتىدە بىرەسمىي زىيارەتتە بولدۇم ھەم بىر قىسىم جۇڭگولۇق ياش كارخانىچىلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغانىدىم، بۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

   ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇقلار مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىسى ناھايىتى ئەقىللىق، سەزگۈر ھەم ئوچۇق – يورۇق ئىكەن، ئۇلار جۇڭگو ۋە جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالايدىكەن، ئۇلار ئۆزىگە تولۇق ئىشىنىدىكەن ھەم ھەممە ئىشقا ئۈمىدۋار قارايدىكەن، كونىلىقنى ياقلىمايدىكەن، بوشاشماي ئىلگىرىلەش روھىغا باي ئىكەن.

   ئۇچرىشىش، ئالاقە قىلىش ئارقىلىق دۇنيا ئېچىۋېتىلگەن، زامانىۋى جۇڭگونى كۆردى. ئىسپانىيىدە چىقىدىغان ‹‹ئاۋانگارت›› گېزىتىدە: يېقىنقى 30 يىلدا جۇڭگو دۇنيادىكى ئۆزگىرىشى ھەممىدىن چوڭ دۆلەت بولدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى 20 – 30 يىلدا يەنە شۇنداق بولىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

   ئۇچرىشىش، ئالاقە قىلىش ئارقىلىق دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەت بولۇپمۇ غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر جۇڭگوغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خاتا چۈشەنچىنى تۈگەتتى. نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىسى ئو ت م دىن بۇرۇن جۇڭگوغا بولغان بىر تەرەپلىمە خەۋەرلىرى توغرىسىدا قايتا ئويلاندى.

   دۇنيا خەلقى جۇڭگوغا بېيجىڭ ئو ت م ۋە بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م دىن بۇرۇن ‹‹؟›› بەلگىسى قويغانىدى، ئو ت م ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە ‹‹!›› قويدى، ئو ت م دىن كېيىن ‹‹...›› قويدى. ئو ت م دۇنياغا جۇڭگونى چۈشىنىدىغان كۆزنەك ئېچىپ بەردى، دۇنيا خەلقى بۇ جەرياندا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ، تۇرمۇشنى سۆيىدىغان، تىنچلىقنى قەدىرلەيدىغان 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگولۇقنى تونۇپ يەتتى.

   بلايېر ئېيتقاندەك: جۇڭگولۇقلار ئو ت م كاتتا مەرىكىسىدە نامايان قىلغان روھ جۇڭگولۇقلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ