باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>دۇنياغا نەزەر
ھەر قايسى دۆلەت تىللىرىدىكى سان ئۇقۇمى
2008- 09- 25 11:22 شىنجاڭ گېزىتى

    بەزى ئەللەردە كىشىلەرنىڭ سانغا بولغان چۈشەنچىسى ئۆزگىچە بولۇپ، ئوخشىمىغان دۆلەت تىللىرىدا سانغا ئالاھىدە ئۇقۇملار يوشۇرۇنغان. بۇنداق چۈشەنچە كۆپىنچە شۇ مىللەتنىڭ ئۆرپ – ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى، تارىخىي تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.  كۈن، ئاي، يىل ھېسابلاش، شۇنداقلا ئاي، كۈن، يۇلتۇزلار بىلەن پەسىل ئۆزگىرىشىگە بولغان چۈشەنچە جەريانىدا ئىنسانلاردا سانلارغا بولغان ئىپتىدائىي چوقۇنۇش شەكىللەنگەن. كىشىلەردىكى بۇنداق سان ئۇقۇمى ئىپتىدائىي ئېتىقادلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن.

   سانلارغا بولغان چەكلىمە چۈشەنچىسى ھازىرقى زامان دىنلىرى شەكىللىنىش دەۋرىدە ئالاھىدە كۈچەيگەن بولۇپ، دىنىي ئېتىقاد بىلەن باغلانغان سان چۈشەنچىلىرى بارلىق چەكلىمە سانلار چۈشەنچىسىدە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەر قايسى دىنلارنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا بۇنداق سانغا بولغان ئېتىقاد بارغانسېرى كۈچىيىپ بارغان. ئۇيغۇرلاردىمۇ تارىختىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سانلارغا بولغان ئېتىقاد چۈشەنچىسى مەۋجۇت. مەسىلەن، بىزدە قىرىق، ئوتتۇز، توققۇز، يەتتە، بەش، ئۈچ دېگەندەك سانلارنى مۇقەددەس بىلىدىغان ئادەت بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى سەپەرگە چىقمايدىغان، ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى كىر يۇيمايدىغان، ھەپتىنىڭ تۆتىنچى كۈنى ياغ پۇرىتىدىغان، تاق سانلارنى جۈپ سانلارغا قارىغاندا كۆپرەك ئىشلىتىدىغان ئادەت بار. خەنزۇ خەلقى  ئارىسىدا سانغا بولغان قاراش تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ، تۇرمۇشتا بۇنداق قاراش ناھايىتى كۈچلۈك ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئۆي، ئاپتوموبىل، تېلېفون سېتىۋالغاندا سەككىز نومۇرىنىڭ بولۇشى ناھايىتى مۇھىم، بۇ تەلەينىڭ، بايلىقنىڭ سىمۋولى، ئالتە بولسا ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ، توققۇز  ئەبەدىيلىككە سىمۋول قىلىنىدۇ. تۆت، يەتتە سانلىرى قارشى ئېلىنمايدۇ، بۇ سانلارنىڭ تەلەپپۇزى خەنزۇ تىلىدىكى ‹‹ئۆلۈم››، ‹‹ئاچچىقلىنىش›› سۆزى بىلەن ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن، تۇرمۇشتا كىشىلەر بۇ سانلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.

   ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكىلەر 13 نى ياقتۇرمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسەن دىنىي ئېتىقاد بىلەن باغلىنىدۇ. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى كۆپچىلىك خەلق خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. خرىستىئان دىنىغا ئەيسا پەيغەمبەرنى سېتىۋەتكەن ۋە ئۇنىڭ ئازاب تارتىشىغا سەۋەبچى بولغان دەل ئۇنىڭ 13 – شاگىرتى. ئەيسا جازالانغان كۈنمۇ 13 – چىسلاغا توغرا كەلگەن. شۇڭا غەرب ئەللىرىدە 13نى بەختسىزلىكنىڭ ۋە ساتقىنلىقنىڭ بەلگىسى، دەپ قارىلىدۇ.

   ھىندىستاندىمۇ كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ 13 دېگەن رەقەمگە نىسبەتەن سەزگۈرلۈكى يۇقىرىراق بولىدىكەن. ئەمما ھىندىستاندا مىللەت بىر قەدەر كۆپ، ئېتىقاد ھەر خىل بولغانلىقى سەۋەبىدىن بىرەر سان ئومۇمىي خەلق دائىرىسىدە چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىكەن. ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار سەككىز، يەتتە، ئالتىنى ياخشى كۆرىدىكەن. لېكىن كۆپچىلىك ھىندى دىنى مۇخلىسلىرى ئالتە بىلەن سەككىزنى ياخشى كۆرمەيدىكەن. چۈنكى ھىندى دىنىدا ئالتە كېسەللىككە، سەككىز ئۆلۈمگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ھىندىلار ئادەتتە تاق ساننى ياخشى كۆرىدىكەن.

   كورىيىلىكلەر تارىختىن بېرى ئۈچنى تەلەيلىك سان، دەپ قاراپ كەلگەن. كورىيە يېزىقىنىڭ تەسۋىرىي چۈشەندۈرۈشى ئاساسەن ‹‹يەر، ئاسمان، ئادەم››دىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ بىرلەشمىسى، دەپ قارالغاچقا، كورىيىلىكلەر شۇئار توۋلىسا ئۈچ قېتىم توۋلايدىكەن، ھاراق تۇتسىمۇ ئۈچ مەرتەم تۇتىدىكەن. كورىيىلىكلەرنىڭ نەزەرىدە ئۈچ رەقىمى ‹‹ئالىي، مۇستەھكەم، مۇقەددەس›› دېگەن مەزمۇندا بولۇپ، ئۇلار ئۈچ رەقىمىنىڭ تەلەي ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

   مېكسىكىدا كۆپ سانلىق كىشىلەر بەزى سانلارنىڭ تەلەي ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ئەمما ئۇلاردا كۆپچىلىك بىردەك ئېتىراپ قىلغان تەلەي سانى مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۈچ بىلەن يەتتىنىڭ تەلەي ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنسە، يەنە بەزىلەر تەلەي سانىنى ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىكى سانلار ئارقىلىق ھېسابلاپ چىقىدىكەن.

   گوللاندىيىدە ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرگە ئوخشاش يەتتە تەلەيلىك سان، دەپ قارىلىدۇ. بۇ بەلكىم ئىنجىلدىكى ئالەمنىڭ يەتتە كۈندە يارىتىلغانلىقى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئەمما گوللاندىيىلىكلەر ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئۈچنى تەلەيلىك سان، دەپ قارىمايدىكەن. بۇنىڭدا مۇنداق بىر تارىخىي سەۋەب بار: 1899 –  يىلىدىكى گوللاندىيە  ئەنگلىيە ئۇرۇشىدا كەچلىرى جەڭچىلەر تولاراق تاماكا چېكىش سەۋەبلىك دۈشمەننىڭ قارىغا ئېلىش نىشانىغا ئايلىنىپ جېنىدىن جۇدا بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچىسى دەل ئۈچىنچى سەرەڭگىنى ياندۇرۇشىغا ئوق تېگىدىكەن.  شۇڭا ئۈچ رەقىمى ئۇلاردا ئۆلۈمگە سىمۋول قىلىنىدىكەن. گوللاندىيىلىكلەر جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەكسىچە تۆتنى خۇشاللىقنىڭ بەلگىسى، دەپ ياخشى كۆرىدىكەن. ئەمما ئالتىنى ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى تارتىدىكەن، چۈنكى ئالتىنىڭ تەلەپپۇزى ‹‹جىنىس›› سۆزى بىلەن ئوخشاش ئىكەن.

   تايلاندلىقلارنىڭ سانغا بولغان قارىشى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلار تۆتنى ياقتۇرىدىكەن، ئەمما ئالتىنى ياقتۇرمايدىكەن. چۈنكى تايلاند تىلىدا ئالتە دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇزى ‹‹چېكىنىش، تۆۋەنلەش، ناچار›› دېگەن سۆزلەر بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن، ئەگەر ئىككى ياكى ئۈچ ئالتە سانى قاتارلىشىپ كېلىپ قالسا تېخىمۇ چاتاق بولىدۇ، دەپ قارىلىدىكەن. ئادەتتە تايلاندلىقلار زۆرۈر بولمىسا ئالتىنى ھەرگىز ئىشلەتمەيدىكەن. تايلاندلىقلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان سان توققۇز بولۇپ، توققۇزنىڭ تەلەپپۇزى ئۇلارنىڭ تىلىدىكى ‹‹ئۆرلەش، ئىلگىرىلەش›› دېگەن سۆزلەر بىلەن ئوخشايدىكەن. شۇڭا تايلاندلىقلار توققۇزنى  ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدىكەن. شۇڭا تايلاند قاتناش مىنىستىرلىكى ھەر يىلى بىر قېتىم توققۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاپتوموبىل نومۇرلىرىنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتىدۇ. ئادەتتە، 999 بولغان ئاپتوموبىل نومۇرىنىڭ سېتىلىش باھاسى بىزنىڭ پۇلىمىزغا 600 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.     

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ