|
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يېقىندا 175 بەتلىك بىر دوكلاتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە بولغان تەسىر كۈچىنى تەپسىلىي سېلىشتۇردى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى فەن جىشې بۇ دوكلات توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشىغا بولغان ھوشيارلىقى كۈچىيىشكە باشلىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانماقتا››.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ‹‹ئۆتكەن ئون يىلدا، جۇڭگونىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى يەنى دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالمىغان باشقا كۈچلىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن دۇنياۋى تەسىرى جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ››. ئامېرىكا يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە يەنىلا ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان كۈچكە ئىگە. ئەمما نۇرغۇن تەھلىلچى: ‹‹ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى نىسبەتەن ئاجىزلىدى، دەپ قارىدى. قىسمەن تەتقىقاتلاردا ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ دۇنياۋى ئىشەنچتىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر: ‹‹جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر خىرىس پەيدا قىلدى››، دەپ قارىدى، ئەمما يەنە بەزىلەر جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىگە، ئامېرىكىنىڭ كۈچىنىڭ ‹‹كىشىنى ئەيمەندۈرىدىغان›› لىقىغا ئىشىنىدۇ.
دوكلات جەمئىي ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى قىسمىدا، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە مەنپەئىتى، جۇڭگونىڭ ئېشىۋاتقان تەسىر كۈچى، شۇنداقلا ئامېرىكىغا بولغان ئەھمىيىتى شەرھلەنگەن. ئىككىنچى قىسمىدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكى ئارىسىدىكى ئوبرازى، جامائەت دىپلوماتىيىسى، دۆلەت سىياسىتى ۋە تاشقى ياردەم قاتارلىق يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى قوراللىرىنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقى سېلىشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەربىي دىپلوماتىيىسى، دۇنيا سودىسى ۋە سېلىنما، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ مۇستەقىل بايلىق فوندى تەكشۈرۈلگەن. ئۈچىنچى قىسمىدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىن ئىبارەت بەش تەرەققىي قىلىۋاتقان رايوندىكى دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى تەھلىل قىلىنغان. ھەر بىر رايون يەنە ‹‹مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئالاقىسى پائالىيەتلىرى››، ‹‹دىپلوماتىيە››، ‹‹تاشقى ياردەم›› ۋە ‹‹جامائەت پىكرى›› بويىچە سېلىشتۇرۇلغان. دوكلاتتا يەنە 39 پارچە سۈرەت ۋە 17 سانلىق مەلۇمات جەدۋىلى قوشۇمچە بېرىلگەن.
دوكلاتنىڭ بىرىنچى قىسمىدا مۇنداق دېيىلدى: ‹‹جۇڭگو يولغا قويغان ئەمەلىيەتچىل دىپلوماتىيە سىياسىتى نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان ۋە جۇڭگو ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغاندىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ قوش مەنپەئەتلىنىش ئاساسىدىكى دىپلوماتىيىسىدە قىسقا مۇددەتلىك ئورتاق ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئەھمىيەت بېرىلدى. جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشى داۋامىدا كۈنسېرى زورىيىۋاتقان سودىسى، كۆپىيىۋاتقان سېلىنمىسى ۋە ئېھتىياجغا ماسلاشقان تاشقى ياردىمىنىڭ ھەممىسىدە ئۆزئارا پايدا ئېلىش تەكىتلەندى. جۇڭگو تاۋار بازىرى، خام ئەشياغا ئىگە بولدى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي شەرت يۈكلەنمىگەن تاشقى مەبلەغ سېلىش ۋە تاشقى ياردەم تۈرلىرى ئارقىلىق خەلقئارا ئابرۇيغا ئېرىشتى››. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ‹‹جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە ئۇسلۇبى ۋە ئىچكى سىياسىيغا ئارىلاشماسلىق دىپلوماتىيە پرىنسىپى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەندەك قىلىدۇ.››
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ‹‹جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئىشلىتىشتىكى ۋاسىتىسى ئوخشىمايدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ قوللانغىنى كۈنسېرى جانلىنىۋاتقان ۋە ئەمەلىيەتچىل بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتى بولۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاش تەكىتلەندى. ئۈزلۈكسىز ئېچىۋېتىلگەن ۋە پىشىپ يېتىلىۋاتقان دىپلوماتىيە قوشۇنى ھەم جۇڭگو ياردەم قىلغان ئىلغار ئۇل ئەسلىھە، جامائەت ئىشلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات تۈرلىرى جۇڭگونىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى ۋە ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىسمەن تەكشۈرۈشلەردە ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئوبرازىنىڭ 2002 – يىلىدىن بۇيان روشەن تۆۋەنلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى. قىسمەن چەت ئەللىك كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكىنىڭ دۆلەت سىياسىتىدە كىچىكرەك دۆلەتلەرگە ياكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دۆلەتلەر ۋە رايونلار مەسىلىلىرىگە سەل قارالغانلىقىنى تەنقىدلىدى. قىسمەن مۇتەخەسسىسلەر:<قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىك ۋە قارشى ئېلىنمايدىغان دىپلوماتىيە سىياسىتى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە تاشقى ياردەم تىرىشچانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلدى>، دېدى.››
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى فەن جىشې مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دېدى: ‹‹ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ يۇمشاق، قاتتىق ئەمەلىي كۈچنىڭ ئېشىشى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا دىپلوماتىيىسىگە بولغان تەسىرىگە دىققەت قىلىشى ۋە بۇ ھەقتە ئويلىنىشى بۈگۈنلا شەكىللەنگەن ئەمەس، ھازىر ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشىغا دىققەت قىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئىراق ئۇرۇشى ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتتى، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ نىسبەتەن ئېشىشىدىن تەشۋىشلەنمەكتە››. فەن جىشې يەنە مۇنداق دېدى: ‹‹ئەمما، بۇ دوكلاتتا جۇڭگونىڭ تەھدىتى ئانچە كۆپ تەكىتلەنمىدى، تەھدىت بار دېيىلگەندىمۇ، ئۇلار پەقەت يوشۇرۇن يۇمشاق تەھدىتتىن ئەنسىرىدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ ئامېرىكا بىلەن دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى جەلپ قىلىش جەھەتتە رىقابەتلىشىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ››.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن
|