|

ۋېلىسپىت مىنىپ ئىشقا ماڭغان لى ميوڭباك
22 – سېنتەبر— ‹‹دۇنيا ئاپتوموبىلسىز كۈنى›› بولۇپ ، 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىكى 2000 دىن كۆپرەك شەھەر بۇ كۈننى خاتىرىلىدى ، كورىيە زۇڭتۇڭى لى ميوڭباكمۇ بۇ كۈنى ۋېلىسپىت مىنىپ ئىشقا باردى .
ئىگىلىنىشىچە ، لى ميوڭباك ۋە ئۇنىڭ كاتىپلىرى 22 – سېنتەبر ئىشقا بېرىشتا ماشىنىغا ئولتۇرمىغان، باشقا نۇرغۇن كىشىلەرمۇ ۋېلىسپىت مىنىپ ياكى پىيادە مېڭىپ ئىشقا كەلگەن ، سېئولدا ، قاتناش ساقچىلىرى قاتناش باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن بولۇپ ، بىر قىسىم ئاساسلىق يوللاردا پەقەت ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ يول يۈرۈشىگىلا يول قويۇلغان . كىشىلەر ئاپتوموبىل ئاز يوللاردا ۋېلىسپىت بىلەن ئىشقا كېلىشنى بىر خىل كۆڭۈللۈك ئىش دەپ قاراشقان.
|