|

ئافرىقىدا بايقالغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ برىليانت

يېقىندا ، ئافرىقىدىكى كىچىك دۆلەت — لېسوتودىكى ئالماس كانىدىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارقىراق برىليانت بايقالدى ، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ برىليانتنىڭ قىممىتى نەچچە ئون مىليون فوندستېرلىڭغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يۇمىلاق شەكىللىك ، پارقىراق برىليانتنىڭ ئېغىرلىقى 478 كارات بولۇپ ، ئىنتايىن قاتتىق ئىكەن ، ساپلىق دەرىجىسى يۇقىرى ، بىر تالمۇ نۇقسان يوق بولۇپ ، رەڭگى D دەرىجىگە يېتىدىكەن . مۇتەخەسسىسلەر بۇ برىليانتنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نۇقسانسىز D دەرىجىلىك يۇمىلاق ، پارقىراق ئاق برىليانت دەپ باھا بەرگەن.

ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ خان تاجىدىكى برىليانت بۇ برىليانتتىن خېلىلا كىچىك
|