باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>دۇنياغا نەزەر
ئىتتىپاقداشلىرى ئامېرىكىنى ئىلغار قوراللارنى سېتىپ بېرىشكە قىستىماقتا
2008- 09- 22 18:07 شىنجاڭ گېزىتى

   ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق قورال – ياراغلىرى ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆزىگە تارتىشتىكى ‹‹كوزىر››ى ئىدى. بىراق بارغانسېرى كۆپ دۆلەت ئامېرىكىنىڭ قورال ئېكسپورتىدىكى ئۇششاق – چۈششەك ئىجازەتنامە تۈزۈمى ۋە چەكلىمىسىدىن قاتتىق زېرىكمەكتە. ئامېرىكا ‹‹مۇداپىئە خەۋەرلىرى›› گېزىتىنىڭ 9 – سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن ئىتتىپاقداشلىرى ئامېرىكىنىڭ قورال ئېكسپورت ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىشىنى، رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

   ‹‹مۇداپىئە خەۋەرلىرى›› گېزىتىدە: ‹‹ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئامېرىكىنىڭ قورال ئېكسپورتىنى ئىسلاھ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئامېرىكىغا بېسىم ئىشلەتمەكتە›› دېيىلدى. بۇلتۇر ئەنگلىيە بىلەن ئاۋسترالىيە ئامېرىكا بىلەن قورال ئېكسپورت قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىن ھەر خىل ئىلغار قورال – ياراغلارنى كىرگۈزۈشى تېخىمۇ ئوڭايلاشقان. ھازىر تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ئامېرىكىنىڭ قورال ئېكسپورت قىلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىشىنى تەلەپ قىلماقتا. 3 – سېنتەبىر گوللاندىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى گېرتى ئاتىس ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى سودىسىغا مەسئۇل ئەمەلدارىغا ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئامېرىكىنىڭ قورال ئېكسپورتىغا ئائىت يېڭى تۈزۈمىنى سۇنغان. ئۇ: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەركىزىي نۇقتىنى ئىلغار ھەربىي تېخنىكىنى كونترول قىلىشقا ئەمەس، بۇ تېخنىكىنىڭ كىمنى كونترول قىلىشقا كېرەكلىك بولىدىغانلىقىغا  قارىتىشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ قورال – ياراغ ۋە تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپمۇ بۇ قورال سىستېمىلىرىنى سېتىۋالالايدىغان ياكى ساتالايدىغان بولۇشى كېرەك، دەپ قارىدى. گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ئەنگلىيىنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۇپىتىدە، ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشى قاتارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ئىلغار ھەربىي تېخنىكىسىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. كورىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى قورال – ياراغ سودىسى شەكلىدە كورىيىگە قورال سېتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ قورال سېتىۋېلىش دەرىجىسىنى ‹‹ ش ئا ئە ت + 3››گە ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

   ئامېرىكا يۇقىرى تېخنىكىلىق قورال  ئېكسپورتىنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىتتىپاقداشلىرىغا يېقىنلىق دەرىجىسى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ.

   سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئاددىي قورال – ياراغلارنىڭ شاللىنىپ كېتىشى بىلەن نۇرغۇن غەرب ئەللىرى كەڭ كۆلەمدە قورال – ياراغ يېڭىلاشتەك بېسىمغا دۇچ كەلدى، ھالبۇكى ئۆز دۆلىتىدە يېڭى قوراللارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش ئىمكانىيىتى تېخى بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تېزدىن ھەربىي تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداشلىرى ئامېرىكىغا ھەدەپ بېسىم ئىشلىتىپ، بەزى تۈزۈملەرنى بوشاشتۇرۇشنى  تەلەپ قىلدى.

   ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت ئىجازىتى تۈزۈمى ئامېرىكىنىڭ يادرولۇق خەۋپسىزلىك مەنپەئىتىگە چېتىلغاچقا، بۇ تۈزۈمنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس.

  ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ