|
ھەرتۇڭ نېفىتنىڭ خەلقئارا بازاردىكى باھاسى بۇ يىل 11 – ئىيۇلدا 147.27 دوللارغا چىققاندا، نۇرغۇن كىشى ئەرزان باھالىق نېفىت دەۋرى كەلمەسكە كەتتى، دېيىشكەن ئىدى. بىراق ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپلا، نېفىت باھاسى% 30 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى، ھەتتا بىر مەھەل ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 100 دوللارغىمۇ چۈشتى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى بۇ زور داۋالغۇش كىشىلەرنى بەس – مۇنازىرىگە سېلىپ قويدى: بۇ زادى يۇقىرى نېفىت باھاسى كۆپۈكىنىڭ يېرىلغانلىقىمۇ ياكى باھانىڭ ۋاقىتلىق چۈشۈشىمۇ؟
نيۇ – يورك تاۋار سودا ئورنىدا ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 103.26 دوللار بىلەن بازار يېپىلىپ، بەش ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. لوندون بازىرىدا ئۆلچەملىك نېفىتنىڭ زاكاز مال باھاسى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ 100 دوللارغا چۈشۈپ، 2 – ئاپرېلدىن بۇيان بۇ پسىخىك چوڭ ئۆتكەلدىن تۇنجى قېتىم ئۆتتى. نېفىت باھاسىنىڭ 100 دوللاردىنمۇ تۆۋەنلەش مۇمكىنچىلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن OPEC 10 – سېنتەبىر سەھەر سائەت ئۈچتە كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، كۈنلۈك نېفىت مەھسۇلاتىنى 520 مىڭ تۇڭ ئازايتىپ، 28 مىليون 800 مىڭ تۇڭ ئەتراپىدا كونترول قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
نيۇ – يورك بازىرىدا ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ زاكاز مال باھاسى بۇ يىل 1 – ئايدا تۇنجى قېتىم 100 دوللاردىن ئاشقان ئىدى، نېفىت باھاسى شۇنىڭدىن كېيىن ئۇدا ئۆرلەپ، 11 – ئىيۇل 147.27 دوللارلىق تارىخىي يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىن كېيىن، يەنە ئەسلىگە قايتىشقا يۈزلىنىپ، ھازىرغىچە% 30 چۈشتى. رېيتېر ئاگېنتلىقى 9 – سېنتەبىر نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىنىڭ سەۋەبىنى بازارنىڭ ››ئايىك‹‹ ناملىق قارا بوران مېكسىكا قولتۇقىنىڭ نېفىت ئەسلىھەلىرىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، دەپ مۆلچەرلىگەنلىكىگە، شۇنداقلاOPEC نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا ھازىرقى ھالەتنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە يىغىنچاقلىدى.
ئەمەلىيەتتە، خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئۇدا چۈشۈشى نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدىن بولغان. مەسىلەن، دوللار كۇرسىنىڭ ئۆرلىشى، نېفىت چىقىدىغان رايونلارنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ ئاز – تولا پەسىيىشى، زاكاز مال بازىرىدىكى ھايانكەشلەرنىڭ زور مىقداردىكى پايدىنى قايتۇرۇشى، ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز كىرىزىسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئاستىلىتىشى سەۋەبىدىن نېفىت ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشى، OPEC نىڭ بۇلتۇردىن باشلاپ مەھسۇلات مىقدارىدا ئۇدا يۇقىرى سەۋىيىنى ساقلىشى قاتارلىقلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر خەلقئارادا نېفىت باھاسىنىڭ بىر مەزگىللىك شىددەتلىك ئۆرلىشى ھەقىقىي تەلەپ – تەمىنلەش مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ، بەلكى ئۇنى كىشىلەر ياكى پۇل مۇئامىلىسى بازىرى قاتارلىق تەلەپ – تەمىنلەش مۇناسىۋىتىدىن باشقا ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەيدىغان ئورتاق قاراش بار. نېفىت باھاسى ئىيۇلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ چۈشۈشكە باشلىدى، بۇ دەل دوللار قىممىتىنىڭ ئۆرلەپ ئەسلىگە قايتىۋاتقان مەزگىلىدۇر.
مەبلەغ سېلىش مۇتەخەسسىسى بۇففېت يېقىندا CNBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ھازىرقى تەلەپ – تەمىنلەش مۇناسىۋىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى تولىمۇ ئاجىز، تۆۋەن باھالىق نېفىت دەۋرىگە قايتالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، دېدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: دۇنيا ‹‹يۇقىرى باھالىق نېفىت دەۋرى››گە قەدەم قويدى، بۇ نېفىت باھاسىنىڭ قاتتىق ئۆسىدىغانلىقىنى ياكى تۆۋەنلىمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە مەنبەسىنى كۆپ قۇتۇپلاشتۇرۇش، شۇنداقلا دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىق ۋە سۆزلىشىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق يېڭى ئۇقۇملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
‹‹يەر شارى ۋاقت گېزىتى››دىن
|