باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>دۇنياغا نەزەر
ياپونىيىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ؟
2008- 09- 22 17:59 شىنجاڭ گېزىتى

   فۇكۇدا ياسونىڭ يېقىندا باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن تۇيۇقسىز ئىستېپا بېرىشى كۈچلۈك بەس – مۇنازىرە قوزغىدى. ‹‹باش ۋەزىرنىڭ ئالمىشىشى››نى دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان ياپونىيە ئاممىسىمۇ بىر مەھەل ھەيرانلىق ھېس قىلغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا تىنچلىنىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، دېڭىز بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان جۇڭگونىڭ ئىنكاسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى.

جۇڭگولۇقلار ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ ئالمىشىشىغا نېمە ئۈچۈن ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ؟

   ئەينى چاغدىكى تاناكا قاتارلىق ‹‹قۇدۇق قازغۇچى››لارنى كۈيلەشتىن تارتىپ، كېيىن جۇنىچىرو قاتارلىق ‹‹ئىبادەتخانىنى چاققۇچى››لارنى ئەيىبلەشكىچە، شۇنداقلا ئابې قاتارلىقلارنى سۇندۇرۇش ۋە ماختاشتىن، فۇكۇدا ياسوغا ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھا بېرىشكىچە بولغان جەرياندا، نەزەرىمىزدىكى جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتى تارىخى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ياپونىيە باش ۋەزىرىنى ئاساس قىلىپ مۇشۇنداق باسقۇچلارغا بۆلۈنگەن. نۇرغۇن چوڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرمۇ ‹‹ئادىمىيلەشتۈرۈۋېتىلگەن››. شۇڭا كادىرلارنىڭ ئالمىشىشى بىلەن كىشىلەر قەلبىدىمۇ ئاسانلا ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇ خىل ئادەت بەلگىلىك ‹‹ئادىمگەرچىلىك تۈسى››گە ئىگە. لېكىن، ئۇ يەنە مەلۇم پىسخىكىلىق ھالەتنىڭ پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

   ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگولۇقلار خۇددى ياپونىيە جۇڭگوغا دىققەت قىلغاندەك ياپونىيىگە راستىنلا خېلى دىققەت قىلىدۇ. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان خەلقئارا خەۋەرلەر ئىچىدە، ياپونىيىگە مۇناسىۋەتلىكلىرىدە  يەنە ياپونىيىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە چېتىشلىق قىسمى كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى قوزغايدىكەن. بۇنداق زىيادە دىققەت قىلىش ھەمىشە ئاسانلا كەيپىيات تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   ياپونىيە سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ ئاسانلا جۇڭگولۇقلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىشىدا ئاساسلىقى تارىخ ئامىلى سەۋەب بولغان، ئەلۋەتتە. ياپونىيە مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىدىن باشلاپ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگولۇقلار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار بەك كۆپىيىپ كەتكەن. يېقىنقى زامان تارىخىدا جۇڭگولۇقلارنىڭ ھېلىمۇ يادىدا تۇرىۋاتقان، يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان ‹‹ۋەقە››لەرنىڭ كۆپىنچىسى ياپونىيە سەۋەبىدىن پەيدا بولغان، جۇڭگولۇقلارنىڭ ياپونىيىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنىڭ تارىخىي مەنبەسى بار.  يېقىنقى مەزگىلدىن قارىغاندا، ياپونىيە ‹‹ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نورمال دۆلەتكە يۈزلىنىش››تەك تىپ ئۆزگەرتىش دەۋرىدە تۇرماقتا، بۇ ياپونىيىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇشى مۇمكىن. تىپ ئۆزگەرتىش نىشانى جەھەتتە، ياپونىيە ئۇرۇش كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلۇپ، سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنى مۇۋاپىق بولغان ‹‹ئادەتتىكى چوڭ دۆلەت››كە ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تىپ ئۆزگەرتىش شەكلى جەھەتتە، ياپونىيە ئاساسلىقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق ئىچكى – تاشقى تەلەپ ۋە تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئوبرازى ۋە خەلقئارا ئورنىنى ئىمكانقەدەر تېز ئۆزگەرتىش غەرىزىدە بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن جۇنىچىرو قاتارلىق بەزى ‹‹قابىل››لار ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. ئۇلار ھازىرقى جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مىزانى ۋە رايون تەرتىپى، خەلقئارا تەرتىپكە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. جۇنىچىرونىڭ بۇ ‹‹بايرىقى›› ئۇدا بەش يىل لەپىلدىدى، بۇ جۇڭگولۇقلارنىلا ئېچىندۇرۇپ قالماي، ياپونىيىلىكلەرگىمۇ نۇرغۇن قىممەتلىك ھەمكارلىق پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇردى. ئابېنىڭ ‹‹مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇشى›› ماختاشقا ئەرزىسىمۇ، لېكىن ئۇ تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، بۇ يىل 15 – ئاۋغۇست يەنە ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاب قىلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتى ۋە تەپەككۇرىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى يىل ياخشىلىنىشى جەريانىدا، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. لېكىن، ئەل ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كەيپىياتى يەنىلا ئانچە ئۈمىدۋار بولمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچكى ئىشلار ئامىلى، مەسىلەن: ھۆكۈمەتتىكىلەر بىلەن ھۆكۈمەت سىرتىدىكىلەرنىڭ تالاش – تارتىشى، سىياسىي سەتچىلىك ۋە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى قاتارلىقلار جۇنىچىرو تۈرىدىكى ‹‹قابىل››لارنىڭ قايتىدىن تەختكە چىقىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

   دەل مۇشۇ چاغدا، جۇڭگولۇقلار ‹‹ئەڭ دوستانە››، دەپ قارايدىغان فۇكۇدا ياسو چاقماق تېزلىكىدە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى، ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ چوڭ بولغىنى دەل خاراكتېرى جۇنىچىرونىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ھەم جۇنىچىرو ۋەزىپە ئۆتىگەن كېيىنكى مەزگىلدە دىپلوماتىيە ۋەزىرى بولغان تارا ئاسو. جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى بەرھەق، ئەلۋەتتە.

جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئوخشىمايدۇ

   جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە قارىغاندا، جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا كۆپ داۋالغۇش بولىدۇ؟

   1. ئىككى خىل مۇناسىۋەتنىڭ خاراكتېرى ئوخشىمايدۇ. جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە دەسلەپتىلا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەت ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يۈزلىنىشى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل، ئەڭ ماھىيەتلىك يادرولۇق مەنپەئەتكە ئېتىبار بېرىش نۇقتىسىدىن بەلگىلەنگەن بولۇپ، 3 – تەرەپنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەينى يىلى نىكسون ماۋ زېدۇڭ بىلەن ئۇچراشقاندا، ئىستراتېگىيە جەھەتتە پىششىق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان. جۇڭگو – ياپونىيە ئارىسىدا مۇستەھكەم ئاساس بولسىمۇ، لېكىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئاساسلىقى جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان. ئەينى چاغدا ياپونىيىدە ئامېرىكىنىڭ ‹‹ھالقىش دىپلوماتىيىسى››گە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېزلىتىشتەك مۇستەقىل غەرەز بولغان، لېكىن بۇ خىل ‹‹مۇستەقىل غەرەز››نىڭ نەتىجىسى بىلەن ياپونىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشىدەك رېئاللىق ئارىسىدا نۇرغۇن زىددىيەت مەۋجۇت بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشتا ياپونىيە ئۆزى ئىگە بولالمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياپونىيە ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتقىچە جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ‹‹ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەت›› دېيىشتىن ئېھتىيات قىلىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە ياپونىيىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئومۇمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلمىدى. دەل مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ياپونىيىنىڭ ئاسانلىقچە مۇستەقىل ئىستراتېگىيىلىك ئويغا ئىگە بولالماسلىقىنى بەلگىلىگەن. جۇڭگومۇ ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئويلىشىشتا ياپونىيىنىڭ ئورنىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئويىغا قاراشقا مەجبۇر بولغان. شۇڭا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا قارشى تەرەپنىڭ سىياسىي بەرداشلىق چېكىگە ۋە يادرولۇق مەنپەئەتكە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتىدۇ. بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسايىن مۇقىملىشىشىدىكى زور ئالدىنقى شەرت. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ياپونىيىدە ھەمىشە مۇشۇنداق مەسىلىلەردە تەۋرىنىش بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ.

   2. بۇ كېيىنكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى تەقدىر ۋە شىكايەتكە ئوخشىمايدۇ. كېيىنكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، ‹‹ئىككى ئۈستۈن، ئىككى تۆۋەن››)جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۈستۈن ئورۇندا، ياپونىيە – روسىيە مۇناسىۋىتى تۆۋەن ئورۇندا( دېگەندەك گەپلەر تارقىلىپ تۇردى. ‹‹ياپونىيە – روسىيە مۇناسىۋىتى تۆۋەن ئورۇندا›› دېگەن باھا مۇھاكىمە قىلىشقا موھتاج؛ لېكىن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ‹‹پايدىغا ئېرىشكۈچى››گە ئايلىنىشى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت بولۇپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا قارشى تەرەپنى مۇھىم مەنپەئەت تەرەپدارى دەپ قاراپ، تىنچ، مۇقىم ۋەزىيەتنى ئورتاق ساقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم ھازىرقى ئىستراتېگىيىلىك پۇرسەتنى قوغداشنى ئۈمىد قىلغاچقا، جۇڭگو – ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئورتاقلىق كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ھالبۇكى، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا كېيىنكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىنكى ئەھۋالدا روشەن ئوخشىماسلىق كۆرۈلدى، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى پەرقمۇ چوڭقۇرلىشىشقا باشلىدى. بۇ خىل پەرق مەنپەئەت تەقسىماتىدا ئىپادىلىنىپلا قالماي، ئاساسىي خەلقئارا ئورۇن ۋە كەلگۈسى مۆلچەردىمۇ ئىپادىلەندى. بۇ پەرقلەر ياپونىيىنىڭ شىكايىتى ۋە جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىلەن زور دەرىجىدە ئوخشىمايدۇ، بۇنى جۇڭگومۇ ناھايىتى ئېنىق كۆردى. دەل مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، جۇڭگولۇقلار ياپونىيىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشكە تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتى پىشىپ يېتىلىشكە يۈزلىنىشى كېرەك

   1. جۇڭگو بىلەن ياپونىيىنىڭ دوستلۇقى ناھايىتى مۇھىم، لېكىن، ‹‹دوستانە›› مۇھىت يارىتىشقىلا تايىنىپ قالماي، چوقۇم نىشانى ئېنىق، مەزمۇنى پۇختا، تەدبىرى مۇۋاپىق بولغان تۈزۈم ۋە مېخانىزم ئورنىتىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ‹‹دولقۇن كۆتۈرۈلسىمۇ، خېيىمخەتەردىن قورقماي بىمالال يۈرۈۋەرگىلى›› بولىدۇ.

   2. جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، پىشقان پسىخىك ھالەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ياپونىيىدە بىرەر شەپە بولسىلا، جۇڭگولۇقلارنىڭ ‹‹يۈرىكى گۈپۈلدەيدۇ››؛ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، پىشقان پسىخىكىلىق ھالەتكە كۈچلۈك ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ تېرەك بولۇشى، ئەمەلىي فاڭجېن – سىياسەتلەر يادرو قىلىنىشى، يەنە سالماق، نورمال پسىخىكىلىق ھالەت ۋە توغرا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى بولۇشى زۆرۈر. مەسىلەن، تارو ئاسوغا نىسبەتەن ئۇنىڭ جۇنىچىروغا بەك ئوخشاپ كېتىدىغان تەرىپىنىلا كۆرۈپ قالماستىن، ئۇنىڭ ئابېغا ئوخشايدىغان تەرىپىنىمۇ كۆرۈشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە فۇكۇدا ياسو ئۈمىد قىلغان ۋارىس ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك تونۇشقا ئىگە بولالىشىمىز مۇمكىن.

  ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ