باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>دۇنياغا نەزەر
دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان 24 ياشلىق قىز ئوقۇشىنى تاشلاپ، يالىڭاچ مودېل بولدى
2008- 09- 22 15:08 تەڭرىتاغ تورى

     ئىرېلاندىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان 24 ياشلىق قىز كلەير ئىرېلاندىيە تارىخىدىكى تۇنجى يالىڭاچ مودېل بولۇپ قالدى ، بۇرۇن ئۇ ئىرېلاندىيە ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ بىئو خىمىيە كەسپىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولغاچقا ، ئەڭ ئەقىللىق قىز دەپ قارالغانىدى.

     ئىگىلىنىشىچە ، كلەير بىر يىل بۇرۇن دوكتۇرلۇققا قوبۇل قىلىنغان بولۇپ ، HIV ۋىرۇسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ، ئەمما ، مەكتەپ تەمىنلىگەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئۇنىڭ تەجرىبىسىدىن كۈندىلىك تۇرمۇش راسخوتىغا ئاشمىغان . بىر مودا ئېقىم ژۇرنىلىدىن يالىڭاچ مودېل مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان كلەير بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان شۇنداقلا بەدىنى ۋە ئوقۇش تارىخىدىكى ئەۋزەللىكى بىلەن مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ساھەدە نام چىقارغان شۇنداقلا ئىرېلاندىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىدىن ۋاز كەچكەن.

     كلەيرنىڭ دېيىشىچە ، ئۇ بۇ يول ئارقىلىق راك فوند جەمئىيەتلىرى ئۈچۈن پۇل توپلايدىكەن ، بەلكىم نەچچە يىلغا قالماي ‹‹تەجرىبىخانا ئۆيى›› گە قايتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ، ئۇ ئىئانە قىلماقچى بولغان بولۇپ ئاپارغان 5000 فوندستېرلىڭنى ئىرىلاندىيىدىكى ئۈچ راك تەتقىقات ئورنىنىڭ ھەممىسى رەت قىلغان . ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ، ئۇلار سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ‹‹چىشىغا تېگىپ قويۇش›› تىن ئەنسىرەيدىكەن.

 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ