باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>دۇنياغا نەزەر
ۋال – سىترېتتىكى پۇل مۇئامىلىسى بورىنى بەرگەن سىگنال
2008- 09- 22 12:20 شىنجاڭ گېزىتى

   ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز كرىزىسى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ، ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلىسى ساھەسىدە يېڭى بوران كۆرۈلدى. ئامېرىكىدىكى ئۆي رەنىلىك قەرز پۇلى بېرىدىغان ئىككى چوڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئاپپاراتى  فاننىمې بىلەن فرېدىماكنى  ھۆكۈمەت ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى 3 – ۋە 4 – چوڭ مەبلەغ سېلىش بانكىسى  مېررىل شىركىتى بىلەن لېھمان ئاكا – ئۇكا شىركىتىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالدى، ئالدىنقىسىنى ئامېرىكا بانكىسى سېتىۋالدى، كېيىنكىسى ئامالسىز ۋەيران بولۇشتىن قوغداش  ئىلتىماسى سۇندى. ئامېرىكىنىڭ ئۆي بازىرى بىلەن پۇل مۇئامىلىسى ساھەسىدە يۈز بەرگەن چېكىدىن ئاشقان ھايانكەشلىك پەيدا قىلغان كرىزىس 14 ئايدىن بۇيان سىجىل ئېغىرلاشتى. بۇ، دۇنيا پۇل مۇئامىلىسى ساھەسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلدى.

   ئامېرىكىدا بۇلتۇر يازدا ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز كرىزىسى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن بۇيان، تەدرىجىي ئېغىرلىشىۋاتقان مەسىلىلەر ھەر قايسى تەرەپلەرنى چوڭقۇر ئويغا سېلىشقا باشلىدى. نۇرغۇن تەھلىلچى كرىزىسنىڭ يىلتىزى ئۈستىدە ئويلانغاندا، تىغ ئۇچىنى ئامېرىكىنىڭ ئۆي بازىرى بىلەن پۇل مۇئامىلىسى ساھەسىدىكى چېكىدىن ئاشقان ھايانكەشلىككە قاراتتى. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۆي بىلەن پۇل مۇئامىلىسى ساھەسىدىكى دەل مۇشۇنداق قوش ھايانكەشلىك ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز كرىزىسىنى  ھازىرقىدەك ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى ھەم دۇنيا بويىچە پۇل مۇئامىلىسى ساھەسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئېغىر مەسىلە پەيدا قىلدى.

   ئامېرىكا ئۆي بازىرى 2006 – يىلىدىن ئىلگىرى بەش يىل گۈللەنگەن، ئۆي باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، بازاردا ھايانكەشلىك بارغانسېرى ئېغىرلاشتى، بەزى بانكىلار قەرز پۇل بېرىشنى تەكشۈرۈش تەرتىپىدە كۆز بويامچىلىق قىلدى، كىرىمى تۆۋەن، كرېدىت خاتىرىسى ناچار بىر تۈركۈم كىشىلەر قەرز پۇلغا ئۆي سېتىۋالغۇچىلار قوشۇنىغا كىرىۋالدى، ئۇلار ‹‹ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز پۇلغا ئۆي سېتىۋالغۇچىلار›› دەپ ئاتالدى. ئۇلارنىڭ قەرز پۇلنى قايتۇرۇشتا قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ئېھتىماللىقى بولغاچقا، كېيىنكى چاغلاردا ئومۇميۈزلۈك كرىزىس پارتلىشىدىكى خەتەرلىك ئامىل بولدى.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرغۇن پۇل مۇئامىلىسى ئاپپاراتى ئۆي بازىرىنىڭ گۈللىنىشىدىن ‹‹نەپ››كە ئېرىشتى، ئۇلار پۇل مۇئامىلىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى باھانە قىلىپ، ئۆي رەنىلىك قەرز پۇلىغا مۇناسىۋەتلىك مۈلۈك قوللاش ئاكسىيىسى بىلەن پۇل مۇئامىلىسى ھاسىلىي كەسىپلىرىنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇلارنىڭ تۈرى، كۆلىمى بىلەن مۇرەككەپلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

   ئامېرىكىدا ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز پۇل كرىزىسى تېخى ئاخىرلاشمىغان بولسىمۇ، ئۆتكەن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، يەكۈنلەشكە ئەرزىيدىغان نۇرغۇن نەرسە بار:

   1. پۇل مۇئامىلىسى كەسپىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش شەرت. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى پۇل مۇئامىلىسى كەسپىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش رامكىسى ئاساسەن 20 – ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 30 – يىللىرىنىڭ باشلىرىدىكى كاساتچىلىق مەزگىلىدىن كېيىن پەيدىنپەي بەرپا قىلىنغان. ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز كرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى پائۇلسىن: ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى نۆۋەتتىكى پۇل مۇئامىلىسى مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلالمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. پۇل مۇئامىلىسى كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھۆكۈمەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش ۋاسىتىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۇل مۇئامىلىسى كرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ زور رول ئوينايدۇ.

   2. كارخانىلارنىڭ خېيىمخەتەرنى ئىچكى جەھەتتىن كونترول قىلىشىنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەسلىدە خېيىمخەتەرنى كونترول قىلىش كارخانىنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم مەزمۇن بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئاددىي ساۋات ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز كرىزىسىدە كىشىلەر شۇنى ھېس قىلدىكى، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن كرېدىت ئاپپاراتى، مەبلەغ بانكىسى ۋە رەنىلىك قەرز پۇل بېرىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئاپپاراتلىرى خېيىمخەتەرنى قاتتىق تىزگىنلەش ۋاسىتىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆي بازىرىدىكى ھايانكەشلىك دولقۇنىغا ئەگەشكەن. ئاقىۋەتتە، ئاپەتلىك كرىزىس پارتلىغان. بېلسىدېن، مېررىل ۋە لېھمان ئاكا – ئۇكا شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ بەش مەبلەغ بانكىسىنىڭ ئۈچى سېتىۋېلىندى ياكى ۋەيران بولدى، ئامېرىكىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي رەنىلىك قەرز پۇل بازىرىدىكى كۈچلۈك شىركەت فاننىمې بىلەن فرېدىماكنى ھۆكۈمەت ئۆتكۈزۈۋالدى. ۋەيران بولغان ياكى قوشۇۋېتىلگەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىمۇ خېلى كۆپ. بۇ كارخانىلارنىڭ ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشى مەبلەغ سالغۇچىلارنى زور زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماي، ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ئېغىر داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خېيىمخەتەرنى كۆپەيتىۋەتتى.

   تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، غەرپتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلىسى كەسپى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، شۇنداقلا ‹‹زامانىۋى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كەسپلەشكەن›› دېگەندەك شانلىق ئوبرازى بار. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز كرىزىسى ئالدىدا چوقۇم ئويلىنىشى كېرەك، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەك. ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىۋاتقان ھازىرقى دەۋردە، تەرەققىي قىلغان پۇل مۇئامىلىسى كەسپى ھەم غايەت زور پۇرسەتتىن ھەم مىسلىسىز يوشۇرۇن خەۋپتىن دېرەك بېرىدۇ. قانداق قىلغاندا پايدىلىق تەرەپلىرىدىن نەپ ئېلىپ، زىيانلىق تەرەپلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ بۇ، بارلىق دۆلەتلەر ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ