|
مېيىپلەر ئو ت م نىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ‹‹ئولىمپىك ئۈنۈمى››نى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ، جۇڭگولۇقلارغا جۇڭگونىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە دۇنيانىڭ جۇڭگوچىلىشىشىنى قايتا ھېس قىلدۇردى. جۇڭگو بىلەن دۇنيا 2 – قېتىم ئۆز ئارا گىرەلەشكەندە، بىز جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك سالاھىيىتىنىڭ دۇنيادا يەنىمۇ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى، مىللىي ئىپتىخار تۇيغۇسى ۋە دۆلەت ئىشەنچىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ھېس قىلىپلا قالماستىن، مۇشۇ جەرياندىن پايدىلىنىپ، يەنە ئاڭ جەھەتتىمۇ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. يەنى ھازىر جۇڭگونىڭ كۆپ مەنبەلىك دۇنيانىڭ ئىناقلىقى ۋە ئورتاق مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان ۋاقتى كەلدى.
دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى جەريانىدا، جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق تونۇشى كېرەك. ئەنگلىيە پەيلاسوپى روسسۇنىڭ ئېيتقىنىدەك، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزىلا يۈكسەك دەرىجىدە كەڭ قورساقلىققا ئىگە. ئەنئەنىۋى جۇڭگو جەمئىيىتىدە ئىلگىرى كۆپ خىل مەدەنىيەت سىستېمىسى مەۋجۇت بولغان، ئوخشاش بولمىغان قىممەتلەر بىرگە مەۋجۇت بولغان ھەم ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتكەن. كۇڭزىچىلىق، بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ تالاش – تارتىش قىلىشمىغان ھالدا بىللە مەۋجۇت بولغان، ئىسلام دىنىمۇ جۇڭگودا ئۇزاق مەزگىل ھۆرمەتكە ئېرىشكەن، جۇڭگولۇقلار ھەتتا خرىستىئان دىنىنىمۇ بىر مەزگىل چەتكە قاقمىغان ئىدى. كېيىن دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ دىن تارقىتىشىنىڭ ئارقىسىغا كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەت ئامىلى سىڭىپ كەتكەچكىلا، ئاندىن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغىدى ھەم ‹‹يىخېتۈەن›› ھەرىكىتى قوزغالدى. جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ كەڭ قورساقلىقى ‹‹كۆپنى بىرلەشتۈرۈش›› ئەمەس، بەلكى ‹‹خاسلىقنى ساقلىغان ھالدا بىللە مەۋجۇت بولۇش››تا بولۇپ، مەيلى كونكرېت ئىپادىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قانداق مەدەنىيەت سىستېمىسى جۇڭگو مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كېتەلەيدۇ، شۇنداقلا ئۆز ئالدىغا مەۋجۇت بولالايدۇ. بۇ مەشھۇر كۇڭزىچى لياڭ شۇمىڭنىڭ كۇڭزىچىلىق، داۋجياۋ دىنى، بۇددا دىنى، خرىستىئان دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىقلارغا ئوخشاش قارىغانلىقى ۋە باھا بەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى.
جۇڭگو ئىنسانلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى پەسەيتىش، كۆپ مەنبەلىك دۇنيانىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەۋجۇت بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىپ، تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|