|

ئامېرىكا رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئەنگلىيىنىڭ شىمالىدا تۇرۇشلۇق ئايال ماندى سېراس پۇت يوغىناشتىن ئىبارەت بىر خىل غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ، ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ناھايىتى تېزلىكتە يوغىناپ كەتكەچكە ، پۈتۈن بەدەننىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ ، ماڭالماي قالغان . بۈگۈنگىچە ، دوختۇرلار بۇ خىل كېسەلنى داۋالايدىغان ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقالمىغان .

ماندى سېراس بۇ يىل 33 ياش بولۇپ ، بەدەن ئېغىرلىقى 285 قاداق ( 129.27 كىلوگرام ) . ئۇنىڭ بېلىدىن يۇقىرى قىسمى نورمال بولۇپ ، تەخمىنەن 70–80 قاداق(31.75–36.29 كىلوگرام) كېلىدىكەن . ئىككى پۇتىنىڭ ئېغىرلىقى ئومۇمىي بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن . ئۇنىڭ ئوڭ تاپىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40.64 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 17.78 سانتىمېتىر ، سول تاپىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 27.94 سانتېمىتىر كېلىدىكەن . ئۇنىڭ ئىككىلا پۇتى مايماق بولۇپ ، ئىككى پۇتىنىڭ ئۇزۇنلىقىمۇ ئوخشاش ئەمەسكەن . بۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ پۇتىغا ماس كەلگىدەك ئاياغ تېپىش ناھايىتى تەس بولغانلىقتىن ، ئۇ ئىزچىل ئۆيىنىڭ يېنىدىكى بىر موزدوزغا ئاياغ زاكاس قىلىپ ، تىكتۈرۈپ كېيىدىكەن . ئۇ ھەر بىر قېتىم ئاياغ زاكاز قىلغاندا ، ئۇ كىيىپ كۆرۈپ بېقىپ ، قايتا – قايتا سىناپ كۆرگەندىن كېيىن ، ئاندىن ئاياغ ئەندىزىسىنى بۇيرۇتىدىكەن ، ئاياغنى سىناپ ، بۇيرۇتقىچە بولغان بۇ جەريانغا نەچچە ھەپتە ۋاقىت كېتىدىكەن . بۇ خىل ئاياغنى بۇيرۇتۇشقا تەخمىنەن 4000 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كېتىدىكەن .
|