باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>دۇنياغا نەزەر
بالى ئارىلىدىكى 5000 دىن ئارتۇق ئامما شەھۋانىيلىققا قارشى قانۇن لايىھىسىگە ئېتىراز بىلدۈردى
2008- 09- 18 11:30 تەڭرىتاغ تورى

 

   17 – سېنتەبر ، ھىندونېزىيىدىكى داڭلىق مەنزىرىلىك دەم ئېلىش ئورنى بالى ئارىلىدا 5000 دىن ئارتۇق ئامما ئەنئەنىۋى كىيىم – كېچەك ۋە زىبۇ – زىننەتلىرىنى تاقىغىنىچە، شۇ يەردىكى يىغىن بىناسى ئالدىدىكى چىملىقتا نامايىش ئېلىپ بېرىپ ،  ھىندونېزىيە پارلامېنتىنىڭ شەھۋانىيلىققا قارشى قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ بالى ئارىلىنىڭ مەدەنىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن.

     ئىگىلىنىشىچە، جاكارتانىڭ ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرىنى ئاساس قىلغان پارلامېنت ئەزالىرى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە شەھۋانىيلىققا قارشى قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاشنى پىلانلىغان بولۇپ، شەھۋانىيلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياكى ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ بولغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك پائالىيەتلەر ۋە ماتېرىياللارنى جىنايى قىلمىش قاتارىغا قويماقچى بولغان.

     بالى ئارىلىدا يەنە نۇرغۇنلىغان ھىندى دىنى مۇرتلىرى بار بولۇپ، ئۇلار تۈزۈلۈۋاتقان بۇ قانۇننىڭ دائىرىسى بەك كەڭرى بولۇپ كەتكەن، ئارالدىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلمىلىرىغا تەھدىت بولىدۇ، دەپ قاراشقان. چۈنكى بۇ يەردە يالىڭاچ ھەيكەللەرنى ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى يېرىم يالىڭاچ يۈرگەن كىشىلەرنى ناھايىتى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن.

     

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ