باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>مەدەنىيەت>>دۇنياغا نەزەر
روسىيە قارا دېڭىزنى تۆت چوڭ ۋاسىتە ئارقىلىق نازارەت قىلىۋاتىدۇ
2008- 09- 17 11:41 شىنجاڭ گېزىتى

   روسىيە – گرۇزىيە توقۇنۇشى بولغىنىغا 30 كۈندىن ئاشتى، ئەمما بۇ توقۇنۇشتىن كېلىپ چىققان ش ئا ئە ت بىلەن روسىيە دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ قارا دېڭىزدىكى جىددىي تىركىشىشى ئاجىزلىشىدىغاندەك ئەمەس، ھېچ بولمىغاندا ئىككى تەرەپنىڭ تىل ئۇرۇشى  تېخى توختىمىدى.

   روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى تورىنىڭ 3 – سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ش ئا ئە ت قارا دېڭىز تەۋەلىكىدىكى فلوتىنى داۋاملىق تولۇقلاۋېتىپتۇ. خەۋەردە: ئامېرىكىنىڭ ‹‹ئېكسپېدىتسىيىچى›› ناملىق ھەربىي پاراخوتى 2 – سېنتەبىر كەچتە قارا دېڭىزغا كىردى، بۇ ھەربىي پاراخوت ھازىر قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، چارلاشقا مەسئۇل، دېيىلدى.  روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: قارا دېڭىزدا ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئىككى، ئىسپانىيە، گېرمانىيە ۋە پولشانىڭ بىردىن ھەربىي پاراخوتى بار. روسىيە قوراللىق قىسمىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىگىلىگەن ئاخباراتىغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر ھەربىي پاراخوتى پات ئارىدا تۈركىيە دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، ھازىر قارا دېڭىزدا تۇرۇۋاتقان ش ئا ئە ت فلوتىغا قوشۇلىدىكەن.

   شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 1180 كىلومېتىردىن ئاشمايدىغان، ئومۇمىي كۆلىمى 420 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان قارا دېڭىزنى روسىيە تۆت چوڭ ۋاسىتە ئارقىلىق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلالايدۇ:

   1. روسىيە دېڭىز – ئوكيان رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق قارا دېڭىزدىكى ئەھۋالنى كۆزىتەلەيدۇ. روسىيە دېڭىز – ئوكيان رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھى دېڭىزدىكى ھەربىي پاراخوت ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارىتا تەكشۈرۈش، ئىز قوغلاش، ئورنىنى بەلگىلەش، پەرقلەندۈرۈش مەشغۇلاتى قىلالايدۇ، بۇ خىل سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئادەتتە رادار تىپلىقى ۋە سىمسىز رادىئودا يوشۇرۇن ئاڭلاش تىپلىقى بار. 2. روسىيىنىڭ ھەر خىل تىپتىكى رازۋېدكا، چارلاش ۋە سىگنال بېرىش ئايروپىلانلىرى ش ئا ئە ت نىڭ بۇ دېڭىزدىكى ھەربىي پاراخوتلىرىنى ھەر ۋاقىت بايقىيالايدۇ. 3. يەر ئۈستى سىمسىز رادىئوسىدا يوشۇرۇن ئاڭلاشمۇ فلوتنى ئىز قوغلاش، كۆزىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى. ش ئا ئە ت فلوتىنىڭ سىمسىز رادىئو جىمجىتلىقىنى ئىزچىل ساقلىشى مۇمكىن ئەمەس، سىمسىز رادىئو سىگنالى ئازراقلا ئاشكارىلىنىپ قالسا، مەيلى سانلىق مەلۇمات زەنجىرى سىستېمىسى بولسۇن،  ياكى رادار ۋە سىمسىز رادىئو ئالاقە سىگنالى بولسۇن، يەر يۈزى رازۋېدكا سىستېمىسى ئۇلارنى تېپىپ، دەرھال ئورنىنى بېكىتىپ، بەلگە چاستوتىسى ۋە تىپىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ھەربىي پاراخوتنىڭ تۈرى ۋە تىپىگە ھۆكۈم قىلىشى مۇمكىن. 4. روسىيە دېڭىز ئارمىيىسى داردانېل بوغۇزىنىڭ ئەتراپىغا يادرو ئېنېرگىيىلىك ياكى مۇنتىزىم ئېنېرگىيىلىك سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پاسسىپ ئاۋاز ياكى فوتوئېلېكترلىك ماچتا ئارقىلىق دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتكەن پاراخوتلارنى رازۋېدكا قىلالايدۇ ۋە پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ئەگەر چوڭ تىپتىكى ھەربىي پاراخوتلار بايقالسا، روسىيە يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئىز قوغلىيالايدۇ.

   تەھلىلچىلەر: ش ئا ئە ت باياناتچىسىنىڭ پوزىتسىيىسى پەقەتلا دىپلوماتىك ۋاسىتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن مۈجمەل، چۈنكى ‹‹ھەربىي يىغىلىش››نىڭ بولماسلىقى ھەربىي پاراخوت ئەۋەتمىگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ، دەپ قارىدى. ئەمما تېخىمۇ كۆپ تەھلىلچى، ش ئا ئە ت نىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ پەقەت ئۆز دۆلىتىنىڭ ھەرىكىتىگىلا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىدىن، پۈتكۈل ش ئا ئە ت غا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.

   ئەمەلىيەتتە، روسىيە – گرۇزىيە توقۇنۇشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، گېرمانىيە، ئىتالىيە، تۈركىيە ۋە گرېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ش ئا ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەر ‹‹روسىيىگە قاتتىق سىياسەت قوللىنىش››قا قارشى تۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا، ياۋروپامۇ روسىيىگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈش ھەققىدە بىرلىككە كېلەلمىدى. بۇ، ش ئا ئە ت غا ئەزا نۇرغۇن دۆلەتنىڭ، بولۇپمۇ ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلاشقان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ روسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، ھەربىي جەھەتتە قارشىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئامېرىكا گەرچە ش ئا ئە ت نىڭ ‹‹كاتتىبېشى›› بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ش ئا ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئامېرىكىغا پۈتۈنلەي بويسۇنۇپ كەتكىنى يوق. بۇ قېتىم، ئامېرىكىنىڭ روسىيىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بەلكىم ش ئا ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشىغا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن.

 ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ