|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئەنقەرە، 12 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. بېيجىڭ ئو ت م نىڭ تەنتەنىسى ئەمدىلا ئاخىرلىشىشى بىلەن مېيىپلەر ئو ت م نىڭ مۇسابىقە تۈرلىرى داغدۇغىلىق باشلاندى. تۈركىيىلىك بەزى ئەمەلدارلار ۋە جامائەتچىلىك: بېيجىڭ ئو ت م دا قاينام تاشقىنلىق گەۋدىلەنگەن بولسا، مېيىپلەر ئو ت م دىن تەسىرلەندۇق، دېيىشتى.
تۈركىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بابايىن پات ئارىدا جۇڭگونىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان سۈن گوشياڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، بېيجىڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك ئو ت م نى ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى ھەم: مېيىپلەر ئو ت م مۇ قالتىس بولدى. ئىككى ئو ت م جۇڭگونىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تەشكىللەش سەۋىيىسى ۋە قۇدرەتلىك ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، دېدى.
تۈركىيە ئەنقەرە مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئايدىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا: بۇ قېتىمقى مېيىپلەر ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كىشىگە يېپيېڭى تۇيغۇ بەردى، يېنىك ھەم يېقىملىق مۇزىكا ساداسىغا تەڭكەش قىلغان ئارتىسلار، بولۇپمۇ مېيىپ ئارتىسلارنىڭ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بېرىلىپ ئۇسسۇل ئويناشلىرى ھەممىنى تەسىرلەندۈردى، دېدى.
بەزى تۈركىيىلىكلەر يەنە: بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م دىكى پىدائىيلارنىڭ ئەتراپلىق مۇلازىمىتى، ياخشى لايىھىلەنگەن جامائەت ئەسلىھەلىرى، شۇنداقلا قىزغىن تاماشىبىنلار مېيىپلەر ئو ت م غا ھۆسن قوشتى، مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئېگىلمەي – سۇنماي، قەيسىرانە ئېلىشىشى شۇنداقلا تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش، ئۆزىدىن ھالقىشتەك روھىي قىياپىتى ئۇلارنىڭ مەڭگۈ ‹‹مەجرۇھ›› ئەمەسلىكىنى نامايان قىلدى، دېدى.
|